باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئىران 20-يانۋاردىن باشلاپ باسقۇچلۇق كېلىشىمنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ(2)

2014.01.15 16:59         مەنبە: مەركىزى تېلېۋىزىيە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پاكىستان تاراتقۇسىدىكى نوپۇزلۇق ئەرباب ئەختەر مۇنداق دېدى: ئىران ئالتە دۆلەت بىلەن كېلىشىمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باشلاش ۋاقتى ھەققىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى، بۇ ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا باسقۇچلۇق كېلىشىم ئىمزالىغاندىن بۇيانقى مۇھىم ئىلگىرلەش شۇنداقلا ئىجابىي سىگنال بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەقىقىي تىرىشىش ئارقىلىق ئىختىلاپلارنى تۈگىتىپ، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، ئىران بىلەن ئامېرىكا گۇماننى تۈگىتىپ، ئۆز-ئارا ئىشىنىشكە كۆپرەك كۈچ سەرپ قىلسىلا، كېڭىشىش، سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا پۇختا ئاساس سالالايدۇ.

  ئامېرىكا پىرزىدېنتى ئوباما 12-يانۋار بايانات ئېلان قىلىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ جەنۋە باسقۇچلۇق كېلىشىمىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانلىقىنى قارشى ئالدى ھەمدە ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ھەققىدە ئومۇميۈزلۈك، مەڭگۈلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىش جاپالىق سۆھبەتلىشىشكە مۇھتاج، دېدى.

  يېقىندا ئامېرىكا پارلامېنتى ۋە ھۆكۈمىتىدە ئىرانغا قاراتقان سىياسەتتە ئىختىلاپ كۆرۈلدى. قىسمەن ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى ئىرانغا قارىتا يېڭى جازالاش لايىھەسى تۈزۈشكە تۈرتكە بولماقتا. ئوباما 12-يانۋار ھەر قانداق شەكىلدىكى ئىرانغا قارىتىلغان يېڭى جازالاش لايىھەسىنى ماقۇللاشنى ئىنكار قىلىش ھوقۇقىنى ئىشقا سېلىشتىن ئايانماي توسىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر دىپلوماتىيە جەھەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغان پۇرسەت، مىسلىسىز جازالاش تەدبىرى ۋە جاپالىق دىپلوماتىيە تىرىشچانلىقى ئىراننى سۆھبەت ئۈستىلىگە باشلاپ كەلدى، ھازىر ئەگەر يەنە جازانى ئېغىرلاشتۇرساق، بۇ تىرىشچانلىقلار يوققا چىقىشى مۇمكىن.

  رىيتىر ئاگنتىلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ بىر ئەمەلدارىنىڭ تاراتقۇلارغا ئاشكارلىشىچە، 20-يانۋار كېلىشىم كۈچكە ئىگە بولغان كۈندىن باشلاپ، ئامېرىكا ئىرانغا قاراتقان بىر قىسىم ئىقتىسادى جازالارنى بىكار قىلىدىكەن، يەنە بىر ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ ئاشكارلىشىچە، ئىران 1-فېۋرالنىڭ ئالدىنى كەينىدە تۇنجى تۈركۈمدە جازا بوشىتىلغان كېيىنكى 550مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا ئېرىشىدىكەن.

  ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتىگە مەسئۇل يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى ئاشتۇن 12-يانۋار باياناتىدا مۇنۇلارنى مۇئەييەنلەشتۈردى: ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرى ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدىكى ئالتە دۆلەت بىلەن ئىران يادرو مەسىلىسىدە ھاسىل قىلغان باسقۇچلۇق كېلىشىم 20-يانۋار رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ. كېلىشىم بويىچە، ئىران يادرو پائالىيىتىنى ئازايتىشى كېرەك، خەلقئارا جەمئىيەتمۇ ئىرانغا قاراتقان جازاسىنى بەلگىلىك بوشىتىشى كېرەك، تېخىمۇ مۇھىمى ئىككى تەرەپنىڭ كېيىنكى نەچچە ئايدا داۋاملىق سۆھبەتلىشىپ، مەڭگۈلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىشى زۆرۈر. ئاشتۇن باياناتىدا مۇنداق دېدى: بۇ كېلىشىم كەلگۈسى ئالتە ئايدا تېخىمۇ ئىزچىل، تېخىمۇ مۇقىم، تېخىمۇ راۋان «بىرلەشمە ھەرىكەت پىلانى تۈزۈش»كە پۇختا ئاساس سالىدۇ، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدىكى ئالتە دۆلەت بىلەن ئىران 20-يانۋاردىن باشلاپ تۇنجى قەدەمنى باسىدۇ. ئاشتۇن يەنە بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىدىن مۇناسىۋەتلىك يادرو نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلىمىز»، دېدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر