باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق يولىدا توسالغۇلار يەنىلا كۆپ(3)

2014.01.15 16:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شارون دۇنياغا يەنە بىر قېتىم ئۈمىد ئاتا قىلدى. ئۇرۇشتا زور خىزمەت كۆرسەتكەن شارون ئىلگىرى ھەممە ئېتىراپ قىلغان قۇرغۇيچىلار گۇرۇھىدىن ئىدى، كونسېرۋاتىپ پارتىيە لىكۇد گۇرۇھىنى قۇرۇشقا قاتنىشىپ، مەھەللە قۇرۇش ئاتىسى دەپ ئاتالغان. لېكىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون ئېيتقاندەك، شارون كېيىن تارىخىي خاراكتېرلىك مۈشكۈل تاللاش ئارقىلىق، ئىسرائىلىيە مەھەللىلىرىگە ئولتۇراقلاشقۇچىلار ۋە ئارمىيەنى غەززە رايونىدىن چېكىندۈردى، لىكۇد گۇرۇھىدىن چېكىنىپ چىقىپ، ئالغا پارتىيەسىنى تەشكىللەپ، ئىسرائىلىيەنىڭ سىياسىي خەرىتىسىنى قايتا سىزىپ چىقتى.

  ھالبۇكى، 2005-يىلى شارون ئازابلىق تىنچلىقنى باشلاشقا تەييارلانغاندا، تۇنجى قېتىم سەكتە بولۇپ قالدى. 2006-يىلى 2-قېتىم سەكتە بولغاندىن كېيىن، ئۇ قايتا ھوشىغا كېلەلمىدى. شاروننىڭ كېسەل كارىۋىتىغا يىقىلىشى دۇنيانى ئوتتۇرا شەرق تىنچلىقىغا بولغان ئۈمىدتىن يەنە بىر قېتىم مەھرۇم قىلدى.

  شارون كەتتى، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئاداۋىتى يەنە داۋاملاشماقتا. دۇنيا شاروندىن ئايرىلىش پەيدا قىلغان زىلزىلىدىن ئېسىگە كەلگەندىن كېيىن، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق يولىنى قانداق داۋاملاشتۇرۇش كېرەك؟

  ۋەزىيەت كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. كېررى يەنىلا پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىگە تۈرتكە بولۇشتىن ۋاز كەچمىدى. خەۋەرگە قارىغاندا، يېقىندا ئۇ يەنە ئوتتۇرا شەرققە بارىدىكەن. لېكىن، كىشىلەر كېررىنىڭ جان تىكىپ ياراشتۇرۇشىدىن بەك چوڭ ئۈمىد كۈتۈپ كەتمىدى. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۈگۈنكى ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئابرۇيى ئەرەب باھارىغا تاقابىل تۇرۇش جەريانىدىكى ئارىسالدىلىقى سەۋەبىدىن ئاللىبۇرۇن چۈشۈپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەدىمۇ رابىن بىلەن ئارافاتقا ئوخشاش گېپى جىڭ باسىدىغان، ئىشنى كېسىپ قىلىدىغان ھەم ئىقتىدارى ئاممىنى رازى قىلىدىغان نوپۇزلۇق رەھبەرلەر چىقمىدى، ئىچكى قىسىمدا توسالغۇ پەيدا قىلىدىغان، ئىككى تەرەپتىكى قارشىلىشىش كەيپىياتى ۋە مۇرەسسە قىلىشقا ئۇنىمايدىغان ئەلرايى پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك مۇرەسسە قىلىشىغا رېئال توسالغۇ پەيدا قىلدى، كېررىنىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا مۆجىزە يارىتىشىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ناھايىتى زور.

  بىراق ئۈمىد ھامان خەلق ئارىسىدا. بەزى تەھلىللەردە، كۆپ يىللىق داۋالغۇشتىن كېيىن، بارغانسېرى كۆپ كىشىلەر پەقەت سۆھبەتنىڭلا پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىقىنىڭ بىردىنبىر يولى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى دەپ كۆرسىتىلدى.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر