باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق يولىدا توسالغۇلار يەنىلا كۆپ(2)

2014.01.15 16:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تەھلىلدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: كېررىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ئوينىغان موكا دىپلوماتىيەسىنىڭ ماھىيىتى-دىپلوماتىيە ئارقىلىق، ئامېرىكىنىڭ بۇ رايوندىكى ئىستراتېگىيەسىنى قىسقارتىش. بەلكىم كېررىنىڭ قەلبىدە ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق كېلىشىمىگە تۈرتكە بولۇش ئارزۇسى كۈچلۈك بولۇشى مۇمكىن، ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقتىنى سەرپ قىلدى ھەم زور شۆھرەت قازاندى. دۇنيا شارون بىلەن ۋىدالىشىۋاتقان مەزگىلدە، كېررى ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن جاسارەت كۆرسىتىشنىڭ ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەسلىكىنى ھەسرەت بىلەن بىلىپ يېتىشى مۇمكىن.

  ئوتتۇرا شەرق ئازاب-ئوقۇبەتكە تولغان زېمىن. نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان، ئوتتۇرا شەرق تىلغا ئېلىنسىلا، كىشىلەر داۋالغۇش ۋە ئۇرۇش بىلەن باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلىدۇ. بارلىق ئەرەب دۇنياسى بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ مۇناسىۋىتىگە چېتىلىدىغان پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسى قاينامنىڭ مەركىزىدە تۇرۇپ كەلدى. شارون بىلەن ۋىدالاشقا پەيتتە، كىشىلەر پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ئالدىنقىسى يىقىلسا، كېيىنكىسى ئورنىنى باسقان ئاشۇ قەھرىمانلارنى ئىختىيارسىز ئەسكە ئالدى.

  1993-يىلى «ئوسلو كېلىشىمى»نىڭ ئىمزالىنىشى بىلەن، ئەينى چاغدىكى ئىسرائىلىيەنىڭ باش مىنىستىرى رابىن، ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى پېرىس ھەم پەلەستىن مىللىي ھوقۇقلۇق ئورگىنىنىڭ مەرھۇم رەئىسى ئارافات نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. شۇ چاغدا، پۈتكۈل دۇنيا پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىقى يېقىنلاشتى دەپ قارىغان ئىدى، لېكىن ئەمەلىيەت كىشىلەرنىڭ بەك ئۈمىدۋار بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. رابىننىڭ سۇيىقەستكە ئۇچرىشى ھەم 2-قېتىملىق پەلەستىنلىكلەر چوڭ قوزغىلىڭىنىڭ پارتلىشىغا ئەگىشىپ، ھەممە ئىش ئەسلىدىكى ئورنىغا قايتىپ كەلدى.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر