باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق يولىدا توسالغۇلار يەنىلا كۆپ(1)

2014.01.15 16:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىسرائىلىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى شارون 11-يانۋار كېسەل سەۋەبىدىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلدى. شاروننىڭ بۇ دۇنيادىن ئايرىلىشى-كىشىلەرنىڭ نەزىرىنى يەنە بىر قېتىم پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىگە يۆتكىدى. پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىقىنى كىشىلەر ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتە. ھالبۇكى، مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا، مۇھىم تىنچلىق بۇرچىنى ئۈستىگە ئېلىشتا، جاسارەتلا ئەمەس، يەنە ئەقىل-پاراسەت ۋە پۇرسەتكە ئىگە بولۇشقا توغرا كېلىدۇ.

  شارون ۋاپات بولۇشنىڭ ئالدىنقى كۈنى، ئىسرائىلىيە شەرقىي ئېروسالىم ۋە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى يەھۇدىيلار مەھەللىسىدە 1400 يۈرۈش ئۆينى كۆپەيتىپ سالىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم جاكارلىدى. پەلەستىننىڭ باش سۆھبەت ۋەكىلى ئېرىكات ئاگاھلاندۇرۇپ، ئىسرائىلىيە ئامېرىكىنىڭ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تېرىشچانلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ دېدى. ئەمەلىيەتتە، تىنچلىق سۆھبىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە ئامېرىكا باش مىنىستىر نىتانىياخۇنىڭ يەنىمۇ قۇرۇش پىلانىنى قىلماسلىقىنى مۇراجىئەت قىلغان ئىدى.

  ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى باشچىلىقىدىكى بۇ نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ شۈبھىسىزكى بىر شۇم خەۋەر. ئالدىنقى بىر نەچچە كۈندە، كېررى ئۆزىنىڭ 10-قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق سەپىرىنى ئەمدىلا ئاياغلاشتۇرۇپ ئامېرىكىغا قايتقان ئىدى، ئۇنىڭ پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە «مەڭگۈلۈك تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ مەزمۇنىنى ئاساس قىلغان رامكا كېلىشىمىنى ئىمزالاش» ئارزۇسى يوققا چىقتى.

  كېررى ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن بۇيان، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتى مەسىلىسىگە كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك ۋاقتى ۋە زېھنى كۈچىنى سەرپ قىلدى. ئامېرىكىنىڭ كېلىشتۈرۈشى ئارقىسىدا، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتى بۇلتۇر 7-ئايدا قايتا باشلاندى. ئامېرىكىنىڭ لايىھەسىگە ئاساسەن، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە بۇ يىل 4-ئايغىچە، 1967-يىلىدىكى ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىنىڭ ئالدىدىكى چېگرا ئاساسىدا، تىنچ بىللە تۇرىدىغان ئىككى دۆلەت لايىھەسىنى ئاخىرىدا ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بىر يۈرۈش ئاددىي، ئاسان يولغا قويغىلى بولىدىغان يېتەكچى پىرىنسىپ تۈزۈپ چىقىشى كېرەك ئىدى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىدە ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىش ناھايىتى تەسكە توختىماقتا.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر