سچۈەن لياڭشەن ۋىلايىتى مىيەننىڭ ناھىيەسى فۇشىڭ بازىرىنىڭ قۇرۇلۇش كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى، تەشنا بولغان «يىللىق مۇكاپات»نى كۈتۈۋالدى ـــ كەنتىكى تېرىقچىلىق باقمىچىلىق كوپىراتىپى دارامەت تەقسىم قىلدى، جەمئىي پۇل 13 مىليۇن 115 مىڭ يۈەن بولدى. 14-يانۋار ئەتىگەن، لياڭشەن ۋىلايىتى مىيەننىڭ ناھىيەسى فۇشىڭ بازىرىنىڭ قۇرۇلۇش كەنتى 2013-يىللىق دارامەت تەقسىم قىلىش يىغىنى ئاچتى، تەقسىم قىلىنىدىغان پۇل جەمئىي 13 مىليۇن 115 مىڭ يۈەن بولدى. نەق مەيداندا، ئېغىرلىقى 312 جىڭ كېلىدىغان خەلق پۇلى رەتلىك قىلىپ ئۈستەل ئۈستىگە قويۇلۇپ، 340 پاي قوشقان ئائىلە تىزىلىپ پۇل ئالدى، ئەڭ جىق تەقسىم قىلىنغان ئائىلە 300 مىڭ يۈەن ئالدى، ئەڭ ئاز بولغىنىمۇ نەچچە ئون مىڭ يۈەندىن توغرا كەلدى. بەزى كەنت ئاھالىلىرى پۇل ساناپ قوللىرىمىز ئويۇشۇپ كەتتى. دېدى.