خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 14-يانۋار سائەت 14:18 ئۆتكەندە، قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىققان نۆۋەتلىك پويىز ئاستا ـ ئاستا ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىنىڭ 2-نومۇرلۇق سۇپىسىغا كىردى، قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇقەييۇم مۇھەممەد باشچىلىقىدىكى 50 نەپەر خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى.
ئابدۇقەييۇم مۇھەممەد مۇنداق دېدى: «ئۆمىكىمىز بۇ قېتىم خەلق تۇرمۇشى، يېزا، يېزا ئىگىلىك خىزمىتى، تەرەققىيات رايونلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغا دائىر ئالتە لايىھە ۋە 62 تەكلىپ ئېلىپ كەلدى. يىغىن مەزگىلىدە، ۋەكىللەر ئۆز فۇنكسىيەسىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدۇ، يىغىنغا ئەستايىدىل قاتنىشىپ، يىغىن روھىنى ئاساسىي قاتلامغا ئېلىپ بېرىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرىدۇ، ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.
شۇ كۈنى يەنە ئاقسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكى، قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ۋەكىللەر ئۆمىكى، خوتەن ۋەكىلەر ئۆمىكىمۇ تۇشمۇ ـ تۇشتىن ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى.