باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ھۆكۈمەت ماشىنىلىرى ئىسلاھاتىدا ماھىيەتلىك قەدەم تاشلاندى(4)

2014.01.14 14:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نۆۋەتتە بىر قىسىم جايلار ۋە ئورۇنلار ھۆكۈمەت ماشىنىسى ئىسلاھاتىنى يولغا قويغاندا، بىر قىسىم ھۆكۈمەت ماشىنىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغاندىن كېيىن، ئالاقىدار خادىملارغىمۇ قاتناش تولۇقلىمىسى تارقاتتى. جۇ لىجيا بۇنىڭغا قارشى تۇرۇپ، بۇ ئۇسۇلنى كېڭەيتىشكە بولمايدۇ دەپ قارىدى. ئۇ ئېلىمىزنىڭ كەسپىي مائاشى مەمۇرىي دەرىجىنىڭ ئوخشىمىغاسلىقىغا قاراپ پەرقلىنىدۇ، ئىدارە دەرىجىلىكلەرنىڭ مائاشى باشقارما دەرىجىلىكلەردىن يۇقىرى، باشقارما دەرىجىلىكلەرنىڭ مائاشى بۆلۈم دەرىجىلىكلەردىن يۇقىرى، مۇنداقچە ئېيتقاندا، كەسپىي دەرىجىسى قانچە يۇقىرى بولسا، ئۈستىگە ئالغان مەسئۇلىيىتى شۇنچە كۆپ، كەسپىي چىقىممۇ نىسبەتەن يۇقىرى بولىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئېلىمىزنىڭ مائاش تۈزۈمىنى ئورنىتىشتا، ئالاقىدار ئامىللار ئويلىشىلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئورگان كەسپىي ئورۇنلىرى ۋە دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ كاماندىروپكا راسخوتى، يىغىن راسخوتى، تەربىيەلەش راسخوتى قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلىرىدە ئۆز ئالدىغا چىقىم ۋە ئاتچوت قىلىش بەلگىلىمىسى چىقىرىلغان، شۇڭا ھۆكۈمەت ماشىنىسى ئىسلاھاتىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك نىشانىدىن قارىغاندا، يەنە ئۆز ئالدىغا قاتناش تولۇقلىمىسى تەسىس قىلىشقا بولمايدۇ دەپ قارىدى.

  نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن جايلار ۋە ئورۇنلار قاتناش تولۇقلىمىسى بېرىدۇ، ھەممىسىنى توختىتىشقا بۇيرۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى زور. جۇ لىجيا نۆۋەتتىكى قاتناش تولۇقلىما ئۆلچىمىنى تۆۋەنلىتىش تەكلىپىنى بەردى. ئۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە بىر قىسىم جايلار ۋە ئورۇنلارنىڭ ئەمەلىي قاتناش تولۇقلىمىسىنىڭ يۇقىرى چېكى ئېيىغا 2500 يۈەنگە يەتتى. سېلىشتۇرۇپ قارىغاندا، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى پۈتۈن مەملىكەتتە بىر قەدەر قەدەر يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرىدۇ، ئەمما ئېيىغا پەقەت 1400 يۈەندىنلا توغرا كېلىدۇ. بۇ خىل بىر قەدەر يۇقىرى قاتناش تولۇقلىما چېكى شۈبھىسىزكى شۇ جايدىكى ئالاقىدار ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىن يۇقىرى، بۇ خىل ئەھۋال مۇۋاپىق ئەمەس. جۇ لىجيا بۇ ھەقتە بۇندىن كېيىن ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار قاتناش تولۇقلىمىسىنى تۈزگەندە، شۇ جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكنى ئوتتۇرىغا قويدى.
【1】 【2】 【3】 【4】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر