باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ھۆكۈمەت ماشىنىلىرى ئىسلاھاتىدا ماھىيەتلىك قەدەم تاشلاندى(3)

2014.01.14 14:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى يېقىندا «پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا قاتتىق تېجەشلىك بولۇپ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش نىزامى»نى چىقىرىپ، ئىجتىمائىيلاشتۇرۇش، بازارلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدىكى ھۆكۈمەت ماشىنىسىنى ئىسلاھ قىلىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت ماشىنىسىنى ئەمەلىي تەقسىملەش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئاددىي ھۆكۈمەت ماشىنىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئادەتتىكى ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا سەپەرگە چىقىشنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى قاتناش تولۇقلىمىسىنى مۇۋاپىق تارقىتىشنى ئايدىڭلاشتۇردى. بۇنىڭدا ھۆكۈمەت ماشىنىسى ئىسلاھاتى تولۇقلىمىسىنىڭ نامى بىلەن شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا پاراۋانلىق تەمىناتى تارقىتىشقا بولمايدۇ.

  دۆلەتلىك مەمۇرىيەت ئىنستىتۇتى ئاممىۋى باشقۇرۇش كافېدراسىنىڭ پىروفېسسورى، ئاممىۋى مەمۇرىيەت كافېدراسىنىڭ مۇدىرى جۇ لىجيا 12-يانۋار مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ھۆكۈمەت ماشىنىلىرىغا بىر تۇتاش بەلگە ئىشلىتىش، سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى ئورنىتىش قاتارلىق تۈزۈملەرنى يولغا قويۇپ، جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. لېكىن مېنىڭچە، پەقەت «ھۆكۈمەت ماشىنىسى» دېگەن بەلگىنى چاپلىغان ياكى ھۆكۈمەت ماشىنىلىرىنى ئالاھىدە رەڭ بىلەن سىرلىغاندىلا، ئاندىن جەمئىيەتنىڭ نازارىتىگە ئەڭ پايدىلىق بولىدۇ، نازارەت ئۈنۈمى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ دېدى. جۇ لىجيا يەنە بىر قىسىم جايلار يولغا قويغان ھۆكۈمەت ماشىنىلىرىنىڭ قانۇن، بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلىرىنى خالىغانچە رەسىمگە تارتىش ھەرىكىتى ئۈنۈملۈك نازارەت ئۇسۇلى بولدى، بۇنى كېڭەيتىشكە بولىدۇ دەپ قارىدى.
【1】 【2】 【3】 【4】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر