باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ھۆكۈمەت ماشىنىلىرى ئىسلاھاتىدا ماھىيەتلىك قەدەم تاشلاندى(2)

2014.01.14 14:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دۆلەت كارخانىلىرى ۋە كەسپىي ئورۇنلار ئەمەلىيەتتە ئېلىمىز ھۆكۈمەت ماشىنىسى ئىسلاھاتىنىڭ نۇقتىلىق ساھەسى. مېنىڭچە، ئېلىمىزدىكى دۆلەت كارخانىلىرى ۋە كەسپىي ئورۇنلاردا بار بولغان ھۆكۈمەت ماشىنىسىنىڭ سانى ئورگان مەمۇرىي ئورۇنلىرىنىڭكىدىن كۆپ، ئەگەر دۆلەت كارخانىلىرى ۋە كەسپىي ئورۇنلار ماشىنا ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويسا، ھۆكۈمەت ماشىنىسى زور كۆلەمدە ئازىيىدۇ، ئۇنىڭ ئومۇمىي سانى ئادەمنى چۆچۈتىدۇ، بۇنىڭدىن تېجەلگەن مەبلەغنى مۆلچەرلىمەك تەس. شۇڭا، دۆلەت كارخانىلىرى ئېلىمىز ھۆكۈمەت ماشىنىسى ئىسلاھاتىنىڭ كېيىنكى مۇھىم نۇقتىسى بولۇشى كېرەك.

  جياڭشى ئۆلكىسى شىنيۈ شەھىرىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى ھۆكۈمەت ماشىنىلىرىنى تۆت مەيدان كىم ئارتۇق قىلىش سېتىش پائالىيىتى 11-يانۋار تولۇق ئاياغلاشتى. بۇ قېتىم ھۆكۈمەت ماشىنىسى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش-شىنيۈ شەھىرى 1-يانۋار رەسمىي يولغا قويغان ھۆكۈمەت ماشىنىسى ئىشلىتىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىدىن بولدى. بۇ قېتىمقى ئىسلاھاتقا ئالاقىدار ئورۇنلار شەھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، خەلق قۇرۇلتىيى ئورگانلىرى، سىياسىي كېڭەش ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، ئاممىۋى تەشكىلاتلار بولۇپ، ئىسلاھاتقا چېتىشلىق ھۆكۈمەت ماشىنىسى 700 گە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 500 گە يېقىن ماشىنا جەمئىيەتتە ئاشكارا كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلدى، كىم ئارتۇق قىلىنغان پۇل دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلدى.

  ھۆكۈمەت ماشىنىسىنى ئازايتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تولۇقلىما قانچىلىك كۆپەيدى؟ شىنيۈ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ماشىنىسى ئىسلاھاتى ئىشخانىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى لوڭ شېڭرېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت ماشىنىسى ئىسلاھاتىدىن كېيىن، خىزمەتچىلەرگە قاتناش تولۇقلىمىسى مۇنداق ئىككى جەھەتتىن تارقىتىلدى: 1-شەخسلەر ھۆكۈمەت ئىشلىرى قاتناش تولۇقلىما ئۆلچىمى بولۇپ، توققۇز دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ، ھەر ئادەمگە ئېيىغا 300 يۈەندىن 2500 يۈەنگىچە بولىدۇ؛ 2-ئىدارىلەر ئاممىۋى قاتناش راسخوتى بولۇپ، ئىدارىدىكى شەخسلەرنىڭ ھۆكۈمىتى ئىشلىرى قاتناش تولۇقلىما ئۆلچىمى يىغىندىسىنىڭ %10 دىن %15 گىچە بېرىلىدۇ. شىنيۈ شەھىرىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى خۇ گاۋپىڭ تونۇشتۇرۇپ، تولۇقلىما ئۆلچىمى يەرلىكنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈلدى، مەسىلەن: تولۇقلىما جەھەتتە دېڭىز بويى رايونلىرىنىڭ بىر قەدەر تۆۋەن بولدى دېدى.
【1】 【2】 【3】 【4】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر