خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-يانۋار، باغراش ناھىيەسى داخې مەنزىرە رايونىدا قار ـ مۇز مەدەنىيىتى بايرىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى، رەڭگارەڭ قار ـ مۇز پائالىيىتى داۋامىدا ساياھەتچىلەر خۇماردىن چىقتى.
شۇ كۈنى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ 4-نۆۋەتلىك شۇنداقلا باغراش ناھىيەسىنىڭ 7-نۆۋەتلىك قار ـ مۇز بايرىمى باغراش ناھىيەسى داخې مەنزىرە رايونىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. بۇ نۆۋەتلىك قار ـ مۇز بايرىمى قار ـ مۇز سەنئىتى پائالىيىتى، قار ـ مۇز شادلىق پائالىيىتى، قار ـ مۇز تەنتەربىيە پائالىيىتى، قار ـ مۇز مەدەنىيەت پائالىيىتى قاتارلىق تۆت چوڭ بۆلەكتىن تەشكىل تاپقان، پائالىيەت ئىككى يېرىم ئاي ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، يېڭى يىل، باھار بايرىمى، پانۇس بايرىمى قاتارلىق ئەنئەنىۋى بايراملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.