باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئىسرائىلىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى شارون 85 يېشىدا ۋاپات بولدى(6)

2014.01.13 10:11   مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

ئىسرائىلىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى شارون 85 يېشىدا ۋاپات بولدى(6)


  چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى شارون 11-يانۋار 85 يېشىدا ۋاپات بولغان (ماتېرىيال سۈرەت)

  ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 11-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى شارون شۇ كۈنى دوختۇرخانىدا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئالەمدىن ئۆتكەن، خەۋەرلەرگە قارىغاندا، شارون بۇ يىل 85 ياشتا ئىكەن. شارون 2006-يىلى سەكتە كېسىلى بىلەن ھوشسىز ھالەتكە چۈشۈپ قالغان بولۇپ، سەككىز يىل جەريانىدا ئۆسۈملۈك ئادەملەردەك ھايات كەچۈرگەن.

  2005-يىلى شارون يېنىك دەرىجىدىكى سەكتە كېسەللىكى بىلەن دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانغان. ئەمما، بىر يىلدىن كېيىن يەنە سەكتە كېسىلى بولۇپ، ھوشسىز ھالەتتە ھايات كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولغان. ئۇنىڭدىن كېيىن شارون باشتىن-ئاخىر دوختۇرخانىدا يېتىپ كارىۋاتتىن تۇرالماي قالغان، خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، شارون ئۆسۈملۈك ئادەمگە ئايلىنىپ قالغان ھەمدە ئاستا-ئاستا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە ئامما تەرىپىدىن تىلغا ئېلىنمايدىغان بولغان.

  2013-يىلى 1-ئايدا ئىسرائىلىيە ھۆكۈمەت تەرەپ ئاخبارات ئېلان قىلىپ، شاروننىڭ كېسەللىك ئەھۋالى بۇرۇنقىدەك تۇرىدۇ، ھېچقانداق ياخشىلىنىش بولمىدى ھەمدە يامانلىشىپ كەتمىدى، دەپ كۆرسەتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېلان قىلىشىچە، شاروندا «كۆرۈنەرلىك مېڭە پائالىيىتى» شەكىللەنگەن، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، شاروندا ھوشىغا كېلىش مۇمكىنچىلىكى شەكىللەنگەن.

  2014-يىلى 1-ئاينىڭ دەسلىپىدە شاروننى داۋالىغان دوختۇرخانىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، سەككىز يىل ھوشسىز ھالەتتە ياتقان شاروننىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلاشقان، شۇنىڭغا ئەگىشىپ شاروننىڭ سالامەتلىكىنى ساقلاپ قېلىش قىيىنغا توختىغان، خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، شاروننىڭ بۆرەكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇھىم ئەزالىرى زەئىپلىشىپ كەتكەن.

  شارون 2001-يىلى ئىسرائىلىيەنىڭ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغاندىن بۇيان، قاتتىق قول سىياسىي تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، سىياسىي سەھنىدىكى ئەڭ تالاش-تارتىش قىلىنغان ئادەمگە ئايلانغان. ئۇ 1982-يىلى ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ۋاقىتتا، لىۋانغا ھەربىي يۈرۈش قىلىشقا رەھبەرلىك قىلغان. بۇ قېتىمقى ھەرىكەتتە، ئىسرائىلىيە تەرەپكە يېقىن بولغان لىۋان خرىستىيان دىنى قوراللىق ئۇنسۇرلىرى ئىسرائىلىيە كونترول قىلغان ئىككى قىرغاقتا نۇرغۇن بىگۇناھ پەلەستىنلىكنى قىرغىن قىلغان.

  ئىسرائىلىيەدىكى بىر باھا بەرگۈچىنىڭ 1983-يىلى خۇلاسىسىدە دېيىشىچە، شاروننىڭ ئۆزى بۇ قېتىمقى قىرغىن قىلىش ۋەقەسىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك ئىكەن. گەرچە شۇنداق بولغان بولسىمۇ، شارون يەنىلا 18 يىلدىن كېيىن يەنى 2001-يىلى ئىسرائىلىيىنىڭ باش مىنىستىرلىقىغا سايلانغان. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ئىسرائىلىيەنىڭ «بىخەتەرلىك ۋە ھەقىقىي تىنچلىق»نى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن دەپ قەسەم قىلغان.

  شارون يەنە تەشەببۇسكارلىق بىلەن پەلەستىن ئىگىلىكىدىكى جايلاردا يەھۇدىي ئولتۇراق رايونى قۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىككى قىرغاق ئوتتۇرىسىدا كەڭ دائىرىدە تالاش-تارتىش قىلىنغان ئايرىش تېمىنى بەرپا قىلغان. 2005-يىلى، شارون ئىسرائىلىيە تەرەپنىڭ غەززا رايونىدىن چېكىنىپ چىقىشىغا بۇيرۇق قىلغان.

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ھاياتلىق مائارىپ ئارقىلىق قانداق جۇشقۇن تەرەققىي قىلىشى كېرەك (خەلقنىڭ كۆز قارىشى)
      ·ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا قاتناشقانلار سانىنىڭ ئازىيىشى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟
      ·بۇ يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدىكى تۆت چوڭ ئۆزگىرىش
      ·ئاپتونوم رايون ئۇيغۇر تىل سىستېمىسى بويىچە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ مۇزىكا، تەنتەربىيە، گۈزەل-سەنئە…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى لايىھەسى كېلەر يىلىن…
      ·فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «گۈللىنىش پىلانى» بويىچە ئاپتونوم رايوندىن ئون ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ 
      ·شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ بەش چوڭ پەن تەتقىقات مەركىزى قۇرىدۇ
      ·جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئىككى ئۇنىۋېرسىتېتى ‹‹بىرلەشمە تەجرىبىخانا قۇرۇش›› كېلىشىمى ئىمزالىدى 
      ·تىل تەربىيەسى بالىلارنىڭ ئەقلىنى ئېچىشقا پايدىلىق 
      ·گۇاڭدۇڭ بىلەن موسكۋا ئارىلىقىدا يۈك پويىزى قاتنىدى