خىزمەتچى خادىم كۆيدۈرۈلىدىغان پىل چىشى بۇيۇملىرىنى رەتلىمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شىن فوتوسى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 1-ئاينىڭ 6-كۈنى، مۇخبىر نەق مەيدانىدا خىزمەتچىلەرنىڭ كىچىك پىل چىشى خام ماتېرىياللىرى ۋە بۇيۇملىرىنى بىۋاسىتە كۈكۈملىگۈچكە تاشلاۋاتقانلىقىنى، چوڭراق پىل چىشلىرىنى ھەرىلەپ پارچىلاپ ئاندىن كۈكۈملىگۈچكە تاشلاۋاتقانلىقىنى كۆردى.
تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىم كۈكۈملەنگەن 6.1 توننا پىل چىشىنى جۇڭگو تاموژنىسى ۋە ئورمان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورۇنلىرى ياۋايى ھايۋانلار ئەتكەسچىلىكى ۋە قانۇنسىز تىجارەتكە زەربە بېرىش جەريانىدا تەكشۈرۈپ مۇسادىرە قىلغانىكەن. كۈكۈملەنگەن پىل چىشى خام ماتېرىيالى ۋە بۇيۇمىنىڭ قىممىتى 200 مىليون يۈەنگە يېتىدىكەن. كۈكۈملەنگەن پىل چىشىنىڭ بىر قىسىمى ئاممىۋى تەربىيە ئۈچۈن ئاگاھ كۆرگەزمىسى ۋە ئاممىۋى مۇزېيلارغا قويۇلىدىكەن، قالغىنى يىغىپ ساقلىنىدىكەن.
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ مەملىكىتىمىزنىڭ تۇنجى قېتىم تەكشۈرۈپ مۇسادىرە قىلىنغان پىل چىشىنى ئاشكارا كۈكۈملىشى بولۇپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداشتىكى قەتئىي مەيدانى ۋە روشەن پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلەپ، ئاممىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش ئېڭى تۇرغۇزۇشقا دەۋەت قىلىپ، ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز ئوغرىلىقچە ئوۋلايدىغان، ئەتكەس قىلىدىغان ۋە ئېلىپ ساتىدىغان جىنايەتچىلەرگە ھەيۋە كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.
تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لۈ بىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ CITES(يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش خەلقئارا سودا ئەھدىنامىسى) قانۇن ئىجرا قىلىش-ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورگىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو تاموژنىسى ۋەدە ئاداسىنى باشقۇرۇش ئورگىنى ۋە ھەر قايسى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، چېگرا ھالقىغان بىرلەشمە قانۇن ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتتى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «يولۋاس ھەرىكىتى»، «ئادەمسىمان مايمۇن قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتى» ۋە «كۆزەينەكلىك يىلان ھەرىكىتى» قاتارلىق يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان جانلىقلار ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكەتلىرى قانات يايدۇردى ۋە ئۇنىڭغا قاتناشتى. يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان، مەملىكەتتىكى تاموژنىلار يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان جانلىقلارنى ئەتكەس قىلىش دېلوسىدىن 930نى جىنايى ئىشلار بويىچە دېلو ئېچىپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى، 1395 جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالدى ۋە ئەيىبلىدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)