باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

بۇ يىل ئافرىقىنىڭ بىخەتەرلىك خىرىسىغا قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك؟(3)

2014.01.07 15:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىراق، ئامېرىكىنىڭ نىگېرىيەدىكى سابىق باش ئەلچىسى جون كامبىل ئافرىقىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى نۆۋەتتە يەنىلا ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايلارنىڭ ئالاھىدە مۇھىتىغا بەكلا تايىنىدۇ، مەركەزلىك ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىشى تەس، شۇڭا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 11-سېنتەبىر ۋەقەسىگە ئوخشاش زور كۆلەملىك تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى قوزغىيالمايدۇ دەپ قارىدى.

  2013-يىلىنى يىغىنچاقلاپ قارىغاندا، گەرچە قىسمەن جايلاردا توقۇنۇش ئازايمىغان، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى كۆرۈنەرلىك يۈز بېرىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئافرىقا ئومۇمىي بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى ساقلىدى، بولۇپمۇ نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ چوڭ سايلىمى نورمال ئۆتكۈزۈلدى، چوڭ كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق يۈز بەرمىدى. تەھلىلچىلەر ئافرىقا ئەللىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈرئىتىنى تېزلىتىشى-ئافرىقىنىڭ ئومۇمىي مۇقىملىقىنى ساقلىشىدىكى مۇھىم سەۋەب دەپ قارىدى.

  2014-يىلىغا نەزەر سالساق، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى ۋە ياۋروپا قەرز كىرىزىسىنىڭ كۆلەڭگىسىدىن تەدرىجىي قۇتۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئافرىقىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى جارى قىلدۇرۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگو، ھىندىستان، بىرازىلىيە قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلەتلىرىنىڭ ئافرىقىغا سالغان مەبلىغى ۋە ياردىمىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئافرىقا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىمۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بارغانسېرى كۆپ دىققىتىنى تارتىشقا باشلىدى.

  ئافرىقا مەسىلىسى مۇتەخەسسىسلىرى مەيلى ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقىدىن ساقلىنىش بولسۇن، مەيلى قوراللىق توقۇنۇشنىڭ يامرىشىدىن ساقلىنىش ھەم تېررورلۇق كۈچلىرىنىڭ زورىيىشىنى توسۇش بولسۇن، ئافرىقا ئەللىرىنىڭ ئىقتىسادنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى ھەم مۇشۇ ئاساستا دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە توغرا كېلىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەتتە ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش بىلەن جەمئىيەتنى يۈكسەلدۈرۈش-ئافرىقىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ يولى دېگەن ئورتاق تونۇش شەكىللىنىپ بولدى دەپ كۆرسەتتى.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر