باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

بۇ يىل ئافرىقىنىڭ بىخەتەرلىك خىرىسىغا قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك؟(2)

2014.01.07 15:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈچىنچى: نىگېرىيەدە ئىسلام ئەسەبىي تەشكىلاتى بوكۇ مۇقەددەس يېرى بىلەن ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ توقۇنۇشى توختىمىدى؛ كونگو كىنشاسادا ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچ 23 M ھەرىكىتى ئوتتۇرىسىدا ھەر ئايدا دېگۈدەك كەڭ كۆلەملىك توقۇنۇش يۈز بەردى، پايتەخت كىنشاسانى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن جايلاردا يېقىندىن بۇيان ھۇجۇم ۋەقەلىرى ئۈزۈلمىدى؛ سومالىدا 20 نەچچە يىل داۋاملاشقان ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى بېسىقمىدى، ھۆكۈمەتكە قارشى ئىسلام ياشلىرى ھەرىكىتى دائىم ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ۋە ئافرىقا تىنچلىق ساقلاش قىسمىنى پاراكەندە قىلدى ۋە ھۇجۇم قىلدى.

  تەھلىلچىلەر يۇقىرىقى جايلاردىكى توقۇنۇشنىڭ بىۋاسىتە سەۋەبى-رادىكال تەشكىلاتلار ياكى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەرنىڭ قوزغىلىڭىدىن بولدى، چوڭقۇر قاتلاملىق سەۋەبى-قەبىلە ۋە دىن قارىمۇ-قارشىلىقىدىن بولدى. بۇ مەسىلىلەر بىر كۈندىلا پەيدا بولغان ئەمەس. بۇ توقۇنۇشلارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى مۇرەككەپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۈزۈل-كېسەل ھەل قىلىش تەس دەپ قارىدى.

  بۇلتۇر 9-ئايدا كېنىيەنىڭ پايتەختى نايروبىدىكى بىر مال سېتىۋېلىش مەركىزى كەڭ كۆلەملىك تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، تېررورلۇق كۈچلىرىنىڭ نىشاننى ئافرىقا ئەللىرىگە قاراتقانلىقىدىن دېرەك بەردى. تەھلىلچىلەر ئافرىقىدىكى تېررورلۇق تەھدىتىنىڭ كۈچىيىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەر مۇنداق ئۈچ جەھەتكە مەركەزلىشىدۇ دەپ كۆرسەتتى: 1-خەلقئارا تېررورلۇق كۈچلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نامرات، تەرتىپسىز بىر قىسىم ئافرىقا ئەللىرىگە ماكانلاشتى ھەم بۇ يەرلەرنى بازا قىلىپ سىرتقا كېڭەيدى. بۇ جەھەتتىكى ۋەكىللىك دۆلەت سومالى، بۇ دۆلەت ئۇزۇن مۇددەت داۋالغۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئەسەبىي كۈچلەر بىلەن بازا قاتارلىق خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئىتتىپاق تۈزۈپ، كېنىيە، ئۇگاندا قاتارلىق قوشنا دۆلەتلەرگە داۋاملىق تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلدى. 2-غەربىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقىدىكى ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى سەۋەبىدىن، نۇرغۇن قورال-ياراقلار ئېقىپ كىرگەن ھەم قوراللىقلار جەنۇبقا ئاتلانغان ئەھۋالدا، ئافرىقىدىكى تېررورلۇق كۈچلىرى زورىيىشتا پايدىلىق شارائىتقا ئىگە بولدى. 3-ئافرىقىدىكى نۇرغۇن جايلارنىڭ بىخەتەرلىك مۇداپىئەسى ئاجىز بولۇپ، ئاسانلا تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ بۆسۈش ئېغىز بولۇپ قالماقتا.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر