خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-يانۋار، شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى، ئۈرۈمچىدە يېڭى يىلدىن بۇيان تۇنجى قار ياغدى.شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ مەلۇمات بېرىشىچە، 4-يانۋار كۈندۈزدىن 6-يانۋارغىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرى، تەڭرىتاغ تاغلىق رايونلىرى ۋە قۇمۇل، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئىلگىرى ـ كېيىن ئازدىن ئوتتۇرا ھالغىچە قار ياغىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئېلى دەريا ۋادىسى، چۆچەك، ئالتاي، تەڭرىتاغ تاغلىق رايونىدىكى قىسمەن جايلاردا قېلىن قار، قسىمەن جايلىرىدا قاتتىق قار ياغىدىكەن، قىسمەن جايلاردا 4 بالدەك غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن، شامال ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى 8 بالغا يېتىدىكەن. بۇ جەرياندا، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپىراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 8 سېسلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا، قىسمەن جايلىرىدا تېمپىراتۇرا ئون سېلسىيە گىرادۇستىن كۆپ تۆۋەنلەيدىكەن. (جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى تارقاتقان. جياڭ خاۋ فوتوسى)