خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-يانۋار، «دەلۋىدىۋانە» مەۋسۇمىدە ئۈرۈمچىدە قار ياغدى، ماقال تەمسىللەردە قراۋدىن بۇرۇن سوغۇق، قاردىن كېيىن قەھرىتان بولىدۇ، ھەقىقىي قەھرىتان سوغۇق قار ياغقاندىن كېيىنكى ھاۋا ئوچۇق كۈنى بولىدۇ، دېيىلىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە 8-چېسلا سۈبھى مەزگىلىدە، ئۈرۈمچىنىڭ ئاساسىي رايونلىرىدا ئەڭ تۆۋەن تېمپىراتورا نۆلدىن تۆۋەن 20 سېلسىيە گىرادوسقا چۈشىدىكەن، شەھەر ئاھالىلىرى قېلىن كىيىنىشى كېرەك ئىكەن.