ئارقىدىن، كۇلۇب باشلىقى قەيسەرجان تاھىر بايلىق كارخانىچلار كۇلۇبىنىڭ 2013-يىللىق خىزمىتىدىن خۇلاسە دوكلاتى بەردى. ئۇ دوكلاتىدا، نۇقتىلىق قىلىپ ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ۋە مۇھىم تەجرىبە-ساۋاقلار ھەققىدە توختىلىپ، كۇلۇب خىزمەتلىرىنىڭ ناھايىتى ئۇتۇقلۇق بولغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇ نەتىجىلەرنىڭ كۇلۇب ئەزالىرى ۋە ھەيئەت ئەزالارنىڭ بىر يەڭدىن قول، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىدىن بولغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ ئاخىرىدا، كۇلۇبنىڭ ئەزا كارخانىلارغا تەمىنلەيدىغان مۇلازىمەتلىرىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ، 2014-يىلى بايلىق كارخانىچىلار كۇلۇبىنىڭ يەنىمۇ يۈكسەك بولغان بىر تەرەققىيات پەللىسىگە قەدەم قويىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىپ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇردى. ئاندىن، بايلىق كارخانىچلار كۇلۇبىنىڭ مۇئاۋىن كۇلۇب باشلىقى، شىنجاڭ تاۋلان خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى شەمشىدىن مەسۈم ئەپەندى سۆز قىلىپ، كۇلۇبنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلىرى ۋە ئۆزى مەسئۇل بولغان خىزمەتلەر ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ، ئەزالارنىڭ، ھەيئەتلەرنىڭ كۇلۇب خىزمىتىنى يېقىندىن قوللاپ كەلگەنلىكىگە تەشەككۈر ئېيتىپ ئۆتتى. ئارقىدىن، ئىقتىساد پەنلىرى دوكتورى، كۇلۇب مەسلىھەتچىسى مۇھەممەد ياسىن ئەپەندى سۆز قىلىپ، نۇقتىلىق ھالدا كارخانىچىلار ئارىسىدىكى ھەمكارلىق ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى داۋامىدا، كۇلۇب ئەزالىرى ۋەكىلى سۈپىتىدە شىنجاڭ ئەلكىن يۇمشاق دىتال پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى مەردان ئەپەندى، يېڭى ئەزا سۈپىتىدە شىنجاڭ يالۋاچ سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى شىرئەلى ئەپەندى، كۇلۇب نۇقتىلىق يېتىشتۈرگەن ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ۋەكلى سۈپىتىدە مىجىت ئاپتوموبىل توك يوللىرى رېمۇنت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى مىجىت ئەپەندىلەر سۆز قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بايلىق كۇلۇبىغا ئەزا بولغاندىن كېيىن ئېرىشكەن ھاسىلاتلىرى، تۇيغۇ-تەسىراتلىرىنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى. ئەڭ ئاخىرىدا، بارلىق يىغىن ئىشتراكچىلىكى ئوپچە خاتىرە سۈرتكە چۈشتى ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى ئېلان قىلىندى.