باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

نامراتلىق قالپىقىنى كىيىۋالغاندىن كېيىن چۆرۈپ تاشلىغۇسى كەلمەسلىكتىن قانداق ساقلانغىلى بولىدۇ؟(4)

2014.01.06 09:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ليۇ يۇڭفۇ مۇنداق دېدى: نامرات ناھىيەلەردىكى كادىرلار ۋە ئامما نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاشنى خالىمايدۇ، بەزى ناھىيەلەرمۇ دەرد تۆكۈپ يۈرۈپ نامراتلىق قالپىقى كىيىش ئويىدا بولۇۋاتىدۇ. بۇ سىياسەتتىكى چېكىنىپ چىقىشقا توغرا ئىلھام بېرىش ئۈنۈمىنىڭ كەمچىللىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، سىياسەتتە ئەمەلىيەتتە تەتۈر ئىلھام بېرىلىۋاتىدۇ، قالپاقنى كەيگەننىڭ پايدىسى كۆپ بولۇۋاتىدۇ، چېكىنىپ چىقىشنىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمايۋاتىدۇ. نامرات ناھىيە بولۇپ بېكىتىلگەندىن كېيىن ئامما چېكىنىپ چىقىشنى خالىمايدۇ، كادىرلارمۇ خالىمايدۇ ھەم جۈرئەت قىلالمايدۇ.

  ليۇ يۇڭفۇ تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: ئەڭ مۇھىمى سىياسىي نەتىجە قارىشى ۋە باھالاش سىستېمىسى مەسىلىسى. بۇرۇنقى باھالاش چارىسىدا، ئاساسەن ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بويىچە باھالىناتتى، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى باھالاش سىستېمىسىغا ئاساسەن كىرگۈزۈلمىگەن ئىدى.

  ئوتتۇرا جۇڭگو پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى نامراتلىقنى ئازايتىش ۋە يېزا كەنتلەرنى تۈزەش تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى لۇ خەنۋىن مۇنداق دېدى: بۇنداق ۋەزىيەتنىڭ تۈپتىن ئۆزگىرىشىدىن ئۈمىد بار بولدى. مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا ئېنىق قىلىپ، نامرات رايونلار يۆلەش ئوبيېكتلىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى سىياسىي نەتىجىنى ئۆلچەشنىڭ مۇھىم باھالاش كۆرسەتكۈچى قىلىشى كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى. «باھالاش سىستېمىسىدىكى بۇ ئۆزگىرىش نامرات ناھىيەلەرنىڭ چېكىنىپ چىقىشىغا توغرا ئىلھام بېرىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە يول ئېچىپ بەردى، بۇنىڭ بىلەن نامرات رايونلارنىڭ پارتىيە-ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى نامراتلارنى يۆلەش، تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قارىتىپ، نامراتلارنى ئازايتىش ئۈنۈمىنى ئاساسلىق قوغلىشىش نىشانى قىلىپ، نامراتلىق قالپىقىنى بالدۇرراق چۆرۈپ تاشلاشنى پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قولغا كەلتۈرىدۇ.

  تونۇشتۇرىلىشىچە، كېيىنكى قەدەمدە ئېلىمىز نۇقتىلىق ناھىيەلەرنىڭ چېكىنىپ چىقىش مېخانىزمى ئۈستىدە سىناق تەرىقىسىدە ئىزدىنىپ، نۇقتىلىق ناھىيەلەرنىڭ چېكىنىشىگە توغرا ئىلھام بېرىش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈرىدىكەن.
【1】 【2】 【3】 【4】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر