باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

نامراتلىق قالپىقىنى كىيىۋالغاندىن كېيىن چۆرۈپ تاشلىغۇسى كەلمەسلىكتىن قانداق ساقلانغىلى بولىدۇ؟(3)

2014.01.06 09:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېلىمىز نامراتلارنى ھەقىقىي يۆلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، نامراتلارنى توغرا يۆلەش مېخانىزمى ئورنىتىدۇ. لىيۇ يۇڭفۇ مۇنداق دېدى: جايلاردا ھازىرقى خىزمەت ئاساسىدا، ناھىيەنى بىرلىك قىلىش، كۆلەمنى كونترول قىلىش، دەرىجە بويىچە مەسئۇل بولۇش، توغرا ئايرىش، ھەرىكەتچان باشقۇرۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، كەنتمۇ-كەنت، ئائىلىمۇ-ئائىلە نامراتلىق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ۋە ئارخىپ تۇرغۇزۇش، كارتا بېجىرىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى يېزىلاردا نامراتلارنى يۆلەش ئۇچۇر سىستېمىسى تېزدىن ئورنىتىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش ئوبيېكتلىرىنى ھەرىكەتچان باشقۇرۇش، نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلغانلارنى قۇتۇلدۇرۇش دائىرىسىدىن ۋاقتىدا چىقىرىش، نامراتلارنى ۋاقتىدا يۆلەش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش يولغا قويۇلۇشى كېرەك. نامرات نوپۇس ئايرىلغاندىن كېيىن، نامراتلىشىپ كېتىش سەۋەبى چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، ئائىلىمۇ-ئائىلە قاراتمىلىقى بولغان ھالدا ياردەم بېرىش تەدبىرىنى يولغا قويۇش لازىم.

  نامراتلىق قالپىقىنى كىيىۋالغاندىن كېيىن چۆرۈپ تاشلىغۇسى كەلمەسلىكتىن قانداق ساقلانغىلى بولىدۇ؟

  يۆلەش ئوبيېكتلىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش نامرات رايونلارنىڭ ئاساسلىق باھالاش كۆرسەتكۈچى قىلىنىپ، نۇقتىلىق ناھىيەلەر چېكىنىپ چىقىشقا ئىلھاملاندۇرۇلماقتا

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خەيلۇن شەھىرى «ئۆلكە بېكىتكەن نامرات ناھىيە» ۋە «دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ناھىيە» دېگەن ئىككى قالپاققا ئارقا-ئارقىدىن ئېرىشتى. ئەمما بۇ شەھەرنىڭ يېقىنقى ئۈچ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمەت دوكلاتىنى ئوقۇساق، «نامراتلىق قالپىقى»نى چۆرۈپ تاشلايدىغان ھېچقانداق خىزمەت نىشانى ياكى ۋاقىت جەدۋىلىنى تاپقىلى بولمايدۇ. شۇ جايدىكى بەزى كادىرلار ھەتتا مەلۇم نىسبەتتە نامرات نوپۇس بولمىسا، نامراتلىق قالپىقىنى ساقلاپ قالغىلى بولمايدۇ، شۇڭا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش سۈرئىتى ۋە كۆلىمىدە پىلان بولۇشى كېرەك، دەپ قارايدۇ.

  نامراتلىق قالپىقىنى كىيىش سىياسەتتە ئېتىبار بېرىپ قوللاش، تۈر مەبلىغى ۋە يۆتكەپ چىقىم قىلىشتىن دېرەك بېرىدۇ. يېقىنقى يىللاردا قىسمەن نامرات ناھىيەلەرنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولدى، ئەمما نامرات ناھىيەلەرنى يۆلەش سىياسىتىدىن كېلىدىغان مەنپەئەت تېخىمۇ كۆپ بولغاچقا ھەمدە چېكىنىپ چىقىش مېخانىزمى مۇكەممەل بولمىغاچقا، ئۇلار يەنىلا نامراتلىق قالپىقىنى كىيىۋېلىپ چۆرۈپ تاشلىغۇسى كەلمەيۋاتىدۇ. نامرات ناھىيەلەر ئومۇمىي سانى بەلگىلىك بولغان ئەھۋالدا، ئوبيېكتىپ جەھەتتە يۆلەشكە ئىنتايىن ئېھتىياجلىق بىر قىسىم ناھىيەلەر تېگىشلىك يۆلەشكە ئېرىشەلمەسلىك ئەھۋاللىرى پەيدا بولدى.

  نۇقتىلىق ناھىيەلەرنىڭ چېكىنىشى توغرىسىدا، «جۇڭگو يېزىلىرىدا نامراتلارنى يۆلەش تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ (2011-2020-يىلىغىچە بولغان پىروگراممىسى»دا ئېنىق قىلىپ: «ئەسلى بېكىتىلگەن نۇقتىلىق ناھىيەلەرنى قوللاش سىياسىتى ئۆزگەرمەيدۇ. ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر چارە تۈزۈپ، تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن تەڭشەپ، نۇقتىلىق ناھىيەلەر سانىنى تەدرىجىي ئازايتىشى كېرەك. نۇقتىلىق ناھىيەلەر ئازايغان ئۆلكە-رايونلارنى دۆلەتنىڭ قوللاش سالمىقى ئازايمايدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن.

  بۇ «پىروگرامما»دا نۇقتىلىق ناھىيەلەرنى تەڭشەش ھوقۇقى ئۆلكە-رايونلارغا چۈشۈرۈپ بېرىلگەن. ئۆلكە-رايونلار ئادەتتە ئاساسلىقى نامرات نوپۇس سانى، دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى، ئوتتۇرىچە ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى، ئوتتۇرىچە يەرلىك مالىيە كىرىمى قاتارلىق ئىستاتىستىكىلىق كۆرسەتكۈچلەرگە ئاساسەن، نامرات ناھىيە تىزىملىكىنى بېكىتىدۇ. 2012-يىلى، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بۇ «پىروگرامما»نىڭ روھى بويىچە، ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، «بىرسى چىقسا بىرسى كىرىش» پىرىنسىپى بويىچە قىسمەن تەڭشىدى. بەزى ئۆلكە-رايونلارمۇ نۇقتىلىق ناھىيەلەرنىڭ «نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىشى»غا ئىلھام بېرىش سىياسەتلىرىنى تۈزدى، ئەمما ئومۇمىي جەھەتتىن نامراتلىق قالپىقىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن چۆرۈپ تاشلىغان ناھىيەلەر يوق دېيەرلىك بولدى.
【1】 【2】 【3】 【4】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر