باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

نامراتلىق قالپىقىنى كىيىۋالغاندىن كېيىن چۆرۈپ تاشلىغۇسى كەلمەسلىكتىن قانداق ساقلانغىلى بولىدۇ؟(2)

2014.01.06 09:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نامراتلارنى يۆلەش پۇلىنىڭ نامرات ئوبيېكتلارغا ئىشلىتىلىشىگە قانداق قىلىپ ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؟دۆلەت ئىشىرى مەھكىمىسى نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ليۇ يۇڭفۇ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىكى ئاچقۇچ- قاتتىق باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەمدە بۇنى قاتتىق ئىجرا قىلىشتا. كېيىنكى قەدەمدە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى نامراتلارنى يۆلەش پۇلى ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش تۈزۈمى تەتقىق قىلىپ ئورنىتىلىپ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن نامراتلارنى يۆلەش ئوبيېكتلىرىنى ، نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنى ئېلان قىلىش، ئاشكارىلاش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، مالىيەنىڭ مەخسۇس نامراتلارنى يۆلەش پۇلىنىڭ ئاشكارا ئىشلىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. دائىملاشقان، كۆپ مەنبەلەشكەن نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش ئوبيېكتلىرى مەبلەغ تۈرىنى باشقۇرۇشقا پائال تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىشقا يېتەكلىنىپ، ئۇلار ئۆزىنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش، پۇلنىڭ ئىشلىتىشى، تۈر قۇرۇلۇشىغا نازارەت قىلىشتىكى مۇھىم كۈچكە ئايلاندۇرۇلىدۇ. قانۇن ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلار قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپ، نامراتلارنى يۆلەش پۇلى ھەرقانداق تارماق، ئورۇن، شەخس تەگسە بولمايدىغان يۇقىرى بېسىملىك ئېلېكتىر سىمىغا ئايلاندۇرۇلىدۇ.

  جياڭ شاۋخۇا مۇنداق دېدى: مالىيە مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار «مالىيەدىن بېرىلىدىغان مەخسۇس نامراتلارنى يۆلەش پۇلىنى باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئىسلاھات قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تەتقىق قىلىپ تۈزمەكتە، نامراتلارنى يۆلەش پۇلىنى تەقسىملەش، ئىشلىتىش، نازارەت قىلىش مېخانىزمى ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھ قىلىنىدۇ. نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھوقۇق چەكلىمىسى پىرىنسىپ جەھەتتىن ناھىيەلەرگە چۈشۈرۈپ بېرىلىدۇ، ئۆلكە، شەھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى مەبلەغ ۋە تۈرلەرنىڭ ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشكە قارىتىدۇ. نامراتلارنى يۆلەش ئوبيېكتلىرىغا ئارخىپ تۇرغۇزۇلىدۇ، كارتا بېجىرىلىدۇ، تۈر مەبلىغىنىڭ كەنتلەرگە، ئائىلىلەرگە، نامراتلارنى يۆلەش ئوبيېكتلىرىغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

  نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنى قانداق قىلىپ نامراتلارنى يۆلەش ئوبيېكتلىرىغا توغرىلاش كېرەك

  نامرات نوپۇسنى ئايرىپ، ئائىلىمۇ-ئائىلە قاراتمىلىقى بولغان ھالدا ياردەم بېرىش، مەملىكەت بويىچە يېزىلاردا نامراتلارنى يۆلەش ئۇچۇر سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، نامراتلارنى يۆلەش ئوبيېكتلىرىنى ھەرىكەتچان باشقۇرۇش كېرەك

  2012-يىلى گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ لى بو ناھىيەسى چاۋياڭ بازىرى بازارلىق ھۆكۈمەت نامى بىلەن ئۆلكىلىك نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىغا ئىلتىماس سۇنۇپ، 3 چوڭ باقمىچىلىق كەسپى تۈرىگە ئېرىشىپ، مەركەزنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس پۇلىدىن 4 مىليون يۈەنگە ئالدى. بۇ پۇلنى ئىشلىتىشنى بۇ ناھىيەدىكى گوفېڭ يېزا ئىگىلىكى كەسپىي كوپراتىپى ئۈستىگە ئالدى. ئىقتىسادى تەپتىش قىلىش داۋامىدا، بۇ تۈردە ئاساسلىقى كوپىراتىپنىڭ بەش ئەزاسىغا نەپ يەتكەنلىكى، بۇنىڭ ئىچىدىكى تۆت كىشىنىڭ نامرات نوپۇس ئەمەسلىكى، تۈردىكى نەپ يەتكۈزۈش ئوبيېكتى بولغان نامرات نوپۇس %70كە يېتىشى كېرەك دېگەن بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىكىنى ئېنىقلاندى.

  ئىقتىسادى تەپتىش مەھكىمىسى 19 ناھىيەنى ئىقتىسادى تەپتىش قىلىش داۋامىدا، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى جىڭشى ناھىيەسى، گۇيجۇ ئۆلكىسى لى پىڭ ناھىيەسى، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى خەييۈەن ناھىيەسى، توڭشىن ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردا نامرات بولمىغان نوپۇسلار نامراتلارنى يۆلەش پۇلىنى ئېلىش، ئۇلارغا نامراتلارنى يۆلەش تولۇقلىمىسى تارقىتىش مەسىلىسىنىڭ بارلىقى بايقالدى.

  ئوتتۇرا جۇڭگو پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى نامراتلارنى ئازايتىش ۋە يېزا كەنتلەرنى تۈزەش تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى لى خەنۋىن مۇنداق دەپ قارىدى: گەرچە نامرات نوپۇسنىڭ تەرەققىيات ئىقتىدارى ئاجىز، بەزى تەرەققىي قىلدۇرۇش خاراكتېرلىك تۈرلەر، بولۇپمۇ كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرى باشلامچى كارخانىلار، كوپىراتىپلار، چوڭ ئائىلىلەردىكى قولىدىن ئىش كېلىدىغان ئادەملەرنىڭ تۈرتكىسىدىن ئايرىلالمىسىمۇ، لېكىن نامراتلارنى يۆلەش تۈرى، پۇلىنى نامراتلارنى يۆلەش ئوبيېكتلىرىغا توغرىلاش، ئۇلارغا نەپ يەتكۈزۈش كېرەك. بۇ نامراتلارنى يۆلەشتىكى دەسلەپكى ئوي پىكىر، ئورتاق بېيىش ۋە ئادىل ھەقلىقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم ئىپادىسى، شۇنداقلا نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلارنى ھەقىقىي يۆلەشنىڭ تۈپ كاپالىتى. ئۇ مۇنداق دېدى: تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا نامراتلارنى يۆلەشتىكى توغرىلاش مېخانىزمى مۇكەممەل بولمىغانلىقتىن، بەزى نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرىدە نەپ ئالغان قولىدىغان ئىش كېلىدىغان كىشىلەر نەپ ئالغان نامرات نوپۇستىن كۆپ بولىدىغان ھەتتا نامراتلار بىر ياقتا قېلىپ قالىدىغان ئەھۋاللارنىڭ بارلىقى بايقالدى. بۇ نامراتلارنى ئازايتىشنىڭ ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىۋەتتى.
【1】 【2】 【3】 【4】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر