باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

«شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتنى كېزىش» ئاقسۇ ئالمىسى مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى ئاۋات ناھىيەسىدە باشلاندى(12)

2014.01.03 19:28   مەنبە: خەلق تورى

«شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتنى كېزىش» ئاقسۇ ئالمىسى مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى ئاۋات ناھىيەسىدە باشلاندى(12)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلنار تاشتۆمۈر خەۋىرى: ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىكوم، مەمۇرىي مەھكىمىسى باشلامچى بولغان، ئاۋات ناھىيلىك ھۆكۈمەت، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسى ھەمكارلاشقان، جېجياڭ ئۆلكىسى جوڭلۈ ساياھەت كەسپى گوروھى ۋە ئاۋات ناھىيەسى دولان قەبىلە ساياھەت رايونى ئۈستىگە ئالغان «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتنى كېزىش» تېمسىدىكى ئاقسۇ ئالمىسى مەدەنىيەت بايرىمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 1- ئاينىڭ 1- كۈنى ئاۋات ناھىيەلىك دولان قەبىلىسى ساياھەت رايونىدا باشلاندى.

  بۇ قېتىملىق پائالىيەتتە ساياھەت كارخانىلىرىنىڭ مۇستەقىل تىجارەت قىلىش ئاكتىپچانلىقىنى قوزغىتىش، ئىچكىرىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ ئاقسۇغا كېلىپ ساياھەت قىلىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش، «تىنىچ ئاقسۇ، بەختكە چۆمۈلگەن ئاقسۇ» گۈزەل ئوبرازىنى تىكلەپ، ئاقسۇنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە جەلپكارلىقىنى ئۆستۈرۈش مەقسەت قىلىنغان.

  ئاقسۇ ئالمىسى مەدەنىيىتى كۆرگەزمە مەيدانىدىكى خوڭچىپونىڭ تاتلىق ئالمىسى، تەجرىبە ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ ياڭىقى، ئاۋاتنىڭ چىلىنى، مۇسەللىسى، رەسىم سىزىلغان قاپاق قاتارلىق كۆرگەزمە مەھسۇلاتلىرى ۋە تۈرلۈك مېۋە- چېۋىلەر ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلدى.

  دولان قەبىلسى ساياھەت رايونى ساياھەتچىلەر ئۈچۈن يەنە مول-مەزمۇنلۇق ئەدەبىي- سەنئەت پائالىيەتلىرى ۋە تۈرلۈك تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ بەردى، شۇ كۈنى دولان قەبىلىسى ساياھەت رايونى كۈتىۋالغان ساياھەتچى ۋە ئامما بەش مىڭدىن كۆپرەككە يېتىپ، ۋىلايىتىمىز ساياھەت كەسپىنىڭ 2014- يىلدىكى تۇنجى قەدىمىنى باستى. (ئاۋات ناھىيىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن گۈلزار تاشتۆمۈر خەۋىرى، ھەسەنجان مەمتىل فوتوسى)

  مەنبە: خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 【11】 【12】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئاپتونوم رايون ئۇيغۇر تىل سىستېمىسى بويىچە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ مۇزىكا، تەنتەربىيە، گۈزەل-سەنئە…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى لايىھەسى كېلەر يىلىن…
      ·فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «گۈللىنىش پىلانى» بويىچە ئاپتونوم رايوندىن ئون ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ 
      ·شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ بەش چوڭ پەن تەتقىقات مەركىزى قۇرىدۇ
      ·جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئىككى ئۇنىۋېرسىتېتى ‹‹بىرلەشمە تەجرىبىخانا قۇرۇش›› كېلىشىمى ئىمزالىدى 
      ·تىل تەربىيەسى بالىلارنىڭ ئەقلىنى ئېچىشقا پايدىلىق 
      ·گۇاڭدۇڭ بىلەن موسكۋا ئارىلىقىدا يۈك پويىزى قاتنىدى 
      ·ئامېرىكىدىكى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمى سانى236 مىڭغا يەتكەن
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ھەپتىلىكى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كىرىمى شەھەر-بازار ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كىرىمىدىن كۆپ بولىد…