باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئۇستاز تەرجىمان توختى باقى ئارتىشى ئالەمدىن ئۆتتى(2)

2014.01.01 21:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  توختى باقى ئارتىشى كۆپ يىللىق تەرجىمانلىق ھاياتىدا سىياسىي-نەزەرىيىۋىي ئەسەرلەر، پەن-تېخنىكا ئەسەرلىرى، ئەدەبىي ئەسەرلەر، گېزىت-ژۇرنال ماقالىلىرى، كىنو-تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرى قاتارلىق تۈرلۈك مەزمۇن ۋە ژانىردىكى ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمىسى بىلەن شۇغۇللاندى: «يېڭى باتۇرلار»، «تۈن يانغاندا»، «كەپىگە ئۈچ قېتىم زىيارەت»، «لۇشۈن ئەسەرلىرى» (22 توم) قاتارلىق چوڭ تىپتىكى ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلدى؛ «تەرجىمە تەجرىبىلىرىدىن تەرمىلەر»، «لۇشۈن تەرجىمە توغرىسىدا»، «تەرجىمە توغرىسىدا»، «قانداق تەرجىمە قىلىش كېرەك؟» قاتارلىق نۇرغۇن ئىلمىي ئەسەرلەرنى يازدى؛ «كەتمەن چاپقان گۇناھمۇ؟»، «ھەق گەپ قىلغان گۇناھ ئەمەس» (2 توم)، «كۆڭۈلدىن-كۆڭۈلگە يول» قاتارلىق ماۋزۇلاردىكى تاللانما تەرجىمە توپلاملىرىنى نەشردىن چىقاردى، «چۈشنىڭ ماھىيىتى ۋە تەبىرى» ناملىق چوڭ ھەجىملىك ئىجادىي تەرجىمە ئەسىرىنى نەشرگە تاپشۇردى.

  ئۇ ھايات ۋاقتىدا جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو لۇشۈن ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ لۇشۈن ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، شىنجاڭ تەرجىمانلار جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي رەئىسى ئىدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر