باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

خەلق گېزىتى جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى بىلەن بىرلىكتە 2013-يىلدىكى ئون چوڭ خەلقئارا خەۋەرنى باھالاپ چىقتى(9)

2013.12.31 17:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو، ئامېرىكا، ھىندىستان ئالەم قاتنىشى ساھەسىدە بۆسۈش ھاسىل قىلدى

  9-ئاينىڭ 12-كۈنى ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى 1977-يىل 9-ئاينىڭ 5-كۈنى قويۇپ بېرىلگەن «سەيياھ-1» ناملىق ئادەمسىز ئالەم چارلىغۇچنىڭ قۇياش سىستېمىسىنىڭ سىرتىغا يېتىپ بارغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ ھازىرغا قەدەر يەر شارىدىن ئەڭ يىراق جايغا يېتىپ بارغان تۇنجى سۈنئىي ئۇچقۇ، شۇنداقلا تۇرغۇن يۇلتۇزلار ئارا بوشلۇققا يېتىپ بارغان تۇنجى سۈنئىي ئۇچقۇ ھېسابلىنىدۇ. 11-ئاينىڭ 5-كۈنى، ھىندىستاننىڭ تۇنجى مارسنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى «مانگاليان» مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى. 11-ئاينىڭ 18-كۈنى ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ مارس ئاتموسفېراسى ۋە پارلىنىش ئىۋولياتسىيەسىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى. 12-ئاينىڭ 2-كۈنى، جۇڭگو ئاي پەرىسى-3 ناملىق ئاي چارلاش ئاپپاراتىنى قويۇپ بەردى، 12-ئاينىڭ 15-كۈنى «ئاي توشقىنى» ناملىق چارلاش ئاپپاراتى ئاي شارىغا يۇمشاق قونغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىم جاھان ئەھلىگە ئاشكارىلاندى. بۇ جۇڭگونىڭ يەر شارىدىن باشقا جايدا تۇنجى قېتىم يۇمشاق قونۇش ۋە ئاينى سەييارە چارلاش ۋەزىپىسىنى تۇنجى قېتىم ئىشقا ئاشۇرۇشى ھېسابلىنىدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ ئالەم بوشلۇقى ھەققىدە ئىزدىنىش قەدىمى مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ.

  سۈرەتتە: «ئاي توشقىنى» ئاي كېچىسى ئەندىزىسىگە تەڭشىلىپ، «ئۇيقۇ»غا كەتتى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر