باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

خەلق گېزىتى جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى بىلەن بىرلىكتە 2013-يىلدىكى ئون چوڭ خەلقئارا خەۋەرنى باھالاپ چىقتى(8)

2013.12.31 17:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكىنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىىسى ناچارلىشىپ، ھۆكۈمەت بىلەن پارتىيە ماجىراسى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ تاقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى

  «ئوباما تېببىي ئىسلاھاتى»نى يولغا قويۇش جەھەتتە ماجىرا تۇغۇلغانلىقتىن، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ئىككى پارتىيە 2014-مالىيە يىلىدىن ئىلگىرى ھۆكۈمەتنىڭ خامچوت لايىھەسىدە بىرلىككە كېلەلمىدى، ئامېرىكا فېدىراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ غەيرىي يادرولۇق تارماقلىرى 1-ئۆكتەبىردىن 16-ئۆكتەبىرگىچە مەجبۇرىي تاقالدى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ھۆكۈمەتنىڭ قەرز يۇقىرى چېكىنى ئۆستۈرۈش لايىھەسىنى 16-ئۆكتەبىر كەينىگە سۈرۈلگەن ئاخىرقى مۇددەتتىن بىر چارەك بۇرۇن ئاران دېگەندە تەستىقلاپ، ئامېرىكىنى قەرز ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىش گىردابىغا ئاپىرىپ قويدى. ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ تاقىلىشى بىلەن قەرز يۇقىرى چېكى كىرىزىسىنىڭ گىرەلىشىپ كېتىشى ئامېرىكىنىڭ سىياسىي سەھنىسىدە قۇتۇپلىشىنىڭ ئېغىرلاشقانلىقىنى، جەمئىيەتتىكى قۇرۇلمىلىق زىددىيەتلەرنىڭ كەسكىنلەشكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. دۆلەت مەجلىسى، ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنت ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي كۈرەش ئامېرىكىنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپلا قالماستىن، پۈتۈن دۇنياغا زىيان يەتكۈزىدۇ.

  سۈرەتتە: ئامېرىكا فېدىراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشتىن توختاپ دەم ئېلىۋاتقان ياللانما خادىملىرى 4-ئۆكتەبىر دۆلەت مەجلىسى بىناسى ئالدىدا ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنى تاقاشقا ئېتىراز بىلدۈرمەكتە.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر