باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

خەلق گېزىتى جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى بىلەن بىرلىكتە 2013-يىلدىكى ئون چوڭ خەلقئارا خەۋەرنى باھالاپ چىقتى(6)

2013.12.31 17:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۇنيا سودا تەشكىلاتى دۇنياۋى سودا كېلىشىمى تۈزۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ بەخش ئەتتى

  7-دېكابىر، دۇنيا سودا تەشكىلاتى (WTO)نىڭ 9-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى ھىندىنوزىيەنىڭ بالى ئارىلىدا يېپىلدى، ھەرقايسى تەرەپلەر مەزكۇر تەشكىلات قۇرۇلغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم دۇنياۋى سودا كېلىشىمى ھاسىل قىلدى. كېلىشىم سودىنى قولايلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكى، پاختا، تەرەققىيات قاتارلىق تۆت تۈرگە ئالاقىدار 10 پارچە ھۆججەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، تاموژنا ۋە پورتتىن ئۆتكۈزۈشنى تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇش، تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەزالارنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ تاللاش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشىغا رۇخسەت قىلىش، تەرەققىي قىلمىغان ئەزالارنىڭ سودىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ياردەم بېرىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچگە ئالىدۇ. كېلىشىم تەستە جانلىنىۋاتقان دۇنيا ئىقتىسادىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ بەخش ئېتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەزالارنى پايدىغا ئىگە قىلغۇسى. دوھا ئۇچرىشىش سۆھبىتى جۇڭگو WTOغا كىرگەندىن كېيىن قاتناشقان تۇنجى قېتىملىق كۆپ تەرەپلىك سودا سۆھبىتى بولۇپ، جۇڭگو سۆھبەتنىڭ ھالقىلىق پەيتىدە پائال قۇرۇلۇشلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەرەققىي قىلمىغان ئەزالارغا كۆڭۈل بۆلۈش، ھەرقايسى تەرەپلەر ئارىسىدىكى بۆلۈنۈشىنى پەسەيتىش، كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا، «سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە كېلىشىمنى ئىلگىرى سۈرۈش»تەك ئەمەلىي رولىنى جارى قىلدۇردى.

  سۈرەتتە: 3-دېكابىر، WTOنىڭ 9-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى بالى ئارىلىدىكى نۇسادۇۋا يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر