باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

خەلق گېزىتى جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى بىلەن بىرلىكتە 2013-يىلدىكى ئون چوڭ خەلقئارا خەۋەرنى باھالاپ چىقتى(5)

2013.12.31 17:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۈرىيە كىرىزىسى ۋە ئىران يادرو مەسىلىسىدە بۇرۇلۇش بولدى

  ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىستراتېگىيەسى تەڭشەش مەزگىلىگە كىردى

  14-سېنتەبىر، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە سۈرىيەنىڭ خىمىيەلىك قورال مەسىلىسى ھەققىدە رامكا كېلىشىمى ھاسىل قىلغانلىقىنى جاكارلىدى، 21-ئاۋغۇست دەمەشىق ئەتراپىدا خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمى ۋەقەسى يۈز بەرگەن كېيىن ئامېرىكىنىڭ قورال ئىشلىتىش تەھدىتى ۋاقتىنچە توختىدى. ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، رۇسىيە، جۇڭگو ۋە گېرمانىيەدىن ئىبارەت ئالتە دۆلەت ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىى توغرىسىدا 24-نويابىر سەھەر جەنۋەدە ئىران ھۆكۈمى بىلەن باسقۇچلۇق كېلىشىم ھاسىل قىلدى. كېلىشىم ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى دىپلوماتىيە ۋاسىتىسى ئارقىلىق ھەل قىلىشقا يول ئېچىپ بەردى. بۇ 1979-يىلىدىكى ئىران ئىسلام ئىنقىلابىدىن بۇيان ئىزچىل مۇز ھالىتىدە تۇرغان ئامېرىكا-ئىران مۇناسىۋىتىنىڭ ئىللىشقا باشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. سۈرىيە كىرىزىسى بىلەن ئىران يادرو مەسىلىسىدە، ئامېرىكىنىڭ مەيدانىدا يۇمشاش ئالامەتلىرى كۆرۈلدى، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىستراتېگىيەسى يېڭى بىر نۆۋەتلىك تەڭشەش مەزگىلىگە كىردى.

  سۈرەتتە (6): ياۋروپا ئىتتىپاقى دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى مەھكىمىسىنىڭ ئالىي ۋەكىلى ئاشتون (سولدا) ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرى زارىف بىلەن 11-ئاينىڭ 24-كۈنى ئىران يادرو مەسىلىسى توغرىسىدا جەنۋە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

  سۈرەتتە (7): بۇ يىل 8-ئايغا قەدەر، سۈرىيەدە توقۇنۇش پارتلىغاندىن بۇيان، 1 مىليون سۈرىيەلىك بالا ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدىن قېچىش ئۈچۈن يۇرتلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى. سۈرەتتە سۈرىيەلىك مۇساپىر بالىلار.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر