باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

خەلق گېزىتى جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى بىلەن بىرلىكتە 2013-يىلدىكى ئون چوڭ خەلقئارا خەۋەرنى باھالاپ چىقتى(4)

2013.12.31 17:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مىسىر يېڭى بىر نۆۋەتلىك سىياسىي داۋالغۇغا دۇچ كەلدى

  مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ قانۇنلۇق سالاھىيىتى يوقالدى

  30-ئىيۇن، مىسىرنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى مورسىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققانلىقىنىڭ بىر يىللىق كۈنىدە، مورسىنىڭ قوللىغۇچىلىرى بىلەن قارشى تۇرغۇچىلىرى ئارىسىدا زوراۋانلىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ، نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۆلۈش-يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. 1-ئىيۇل، ھەربىي تەرەپ 48 سائەتلىك ئاخىرقى ئۇلتىماتۇمىنى تاپشۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ كىرىزىسنى ھەل قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. 3-ئىيۇل، ھەربىي تەرەپ مورسى ۋەزىيەتنى كونتىرول قىلالمىدى دېگەننى باھانە قىلىپ، ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلاپ، ئالىي ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقىنى ۋاقىتلىق زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە قويدى ھەمدە «كەلگۈسى لۇشيەن لايىھەسى»نى ئېلان قىلىپ، سىياسىي ئۆتكۈنچىلىكنى يولغا قويدى. 14-ئاۋغۇست، مىسىر ساقچى دائىرىلىرى قاھىرە ۋە گىزا ئىككى جايدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ قوللىغۇچىلىرى تۇرىۋاتقان لاگېرىنى تازىلىدى ھەمدە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بىر ئايلىق جىددىي ھالەتكە ئۆتكەنلىكىنى جاكارلاپ، 12 ئۆلكىدە كېچىدە يۈرۈشنى مەنئى قىلدى. تازىلاش ھەرىكىتى ۋە مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا مىڭغا يېقىن ئادەم قازا قىلدى. 12-سېنتەبىر، ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت جىددىي ھالەتنى ئىككى ئايغا ئۇزارتىشنى قارار قىلدى. 9–ئۆكتەبىر، مىسىردىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتى دېگەن سالاھىيىتى بىكار قىلىندى. مىسىر ئىچكى كابېنتى 25-دېكابىر مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى ھەمدە ئۇنىڭ تارماق ئاپپاراتلىرىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ بېكىتىشنى قارار قىلدى.

  سۈرەتتە (5): 7-ئىيۇل، مىسىر خەلقى توپلىشىپ مورسىغا قارشىلىق بىلدۈردى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر