باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

خەلق گېزىتى جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى بىلەن بىرلىكتە 2013-يىلدىكى ئون چوڭ خەلقئارا خەۋەرنى باھالاپ چىقتى(3)

2013.12.31 17:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىنوۋدېن ئارقا-ئارقىدىن مەخپىيەتلىكلەرنى ئاشكارىلاپ دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈردى

  ئامېرىكىنىڭ يۇمشاق كۈچى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى

  ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى ۋە مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ سابىق خادىمى سىنوۋدېن 9-ئىيۇن ئۆزىنىڭ ئامېرىكا بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ سانلىق- مەلۇماتلارنى مەخپىي توپلاش تۈرىنى يولغا قويغانلىقىغا ئالاقىدار خەۋەرنى ئاشكارىلىغانلىقىنى ئوچۇق ئېتىراپ قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقايسى چوڭ تور مۇلازىمىتېرى ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ ئېلىخەت، سۆھبەتلىشىش خاتىرىسى، سىن ۋە رەسىم قاتارلىق مەخپىي ئۇچۇرلىرىنى كۆزىتىدىغانلىقى ئاشكارىلىدى. شەرتلىك بەلگىسى «پرىزما كۆزەينەك» ناملىق بۇ تۈر ئامېرىكا خەلقى ۋە پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ گۇمانى ۋە قارشىلىقىنى قوزغىدى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىناۋىتى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىدى. تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ئاخبارات ئورگانلىرى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، نەچچە ئون يىلدىن بۇيان باشقا دۆلەتلەرنى «دائىمىي» كۆزەتكەن، بۇ ئارقىلىق «دىپلوماتىيە ئۈستۈنلۈكى» ۋە «ئىقتىسادىي ئۈستۈنلۈك»كە ئېرىشمەكچى بولغان. «پرىزما كۆزەينەك» ۋە ئۈزلۈكسىز ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلار ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىزچىل ھالدا ئۆزىنى «ئەخلاقنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە تۇرۇۋاتىمىز» دەپ قاراۋاتقان ئامېرىكىنى «مۇقەددەس سۇپا»دىن غۇلاشتەك قېيىن ئەھۋالغا دۇچار قىلغان.

  سۈرەتتە: ئامېرىكا دۆلەتلىك بىخەتەرلىك ئىدارىسى ۋە مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ سابىق خىزمەتچىسى سىنوۋدېن
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر