باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

خەلق گېزىتى جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى بىلەن بىرلىكتە 2013-يىلدىكى ئون چوڭ خەلقئارا خەۋەرنى باھالاپ چىقتى(2)

2013.12.31 17:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىدە زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، زور ھەمكارلىق ئۈچۈن ئاكتىپ ئېنېرگىيە يەتكۈزۈش تەشەببۇس قىلىندى

  بۇ يىل جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە ئىشلىرى غەلىبىلىك باشلىنىپ، تېخىمۇ تەشەببۇسكارلىق ۋە ئىجادچانلىق بىلەن جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى. 3-ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ رۇسىيەدە زىيارەتتە بولۇپ، ئىككى تەرەپ جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستىراتېگىيە ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى. 6-ئايدا، شى جىنپىڭ ئامېرىكىنىڭ كالفورنىيە شىتاتى ئانېنبېرگ قورۇقىدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن كۆرۈشۈپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېڭىچە چوڭ دۆلەت مۇناسىۋىتىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش ھەققىدە مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. جۇڭگو رەھبەرلىرى ئوتتۇرىغا قويغان يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغىنى ئورتاق قۇرۇش، 21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى، بېنگال، جۇڭگو، ھىندىستان، بېرما ئىقتىسادىي كارىدورىنى قۇرۇش، جۇڭگو ــــ شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى يېڭى ئەركىن سودا رايونى بەرپا قىلىش، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە مەبلەغ بانكىسى قۇرۇش قاتارلىق زور ھەمكارلىق تەشەببۇسلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك ئېتىبارىغا ئېرىشتى. مەركەز يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى تۇنجى نۆۋەتلىك ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان دىپلوماتىيە خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئەتراپتىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىدە سەمىمىي بولۇش، ئىشەنچىلىك بولۇش، پايدا يەتكۈزۈش، كەڭ قورساق بولۇش ئىدىيەسىنى نامايان قىلىشنى ئايدىڭلاشتۇردى. جۇڭگو ئارزۇسى تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىقتا ئورتاق غەلىبە قلىدىغان ئارزۇ بولۇپ، جۇڭگونىڭ گۈللىنىشى بىلەن دۇنيا قەدىمىنى بىر گەۋدىلەشتۈرىدۇ.

  سۈرەتتە: ئافرىقا خەلقى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنى قىزغىن قارشى ئالماقتا.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر