باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئاپتونوم رايون ئۇيغۇر تىل سىستېمىسى بويىچە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ مۇزىكا، تەنتەربىيە، گۈزەل-سەنئەت، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتى، مەكتەپ ۋە يەرلىك دەرسلەردىن ئوقۇتۇش مۇھاكىمە يىغىنى تۇرپان شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلدى(8)

2013.12.31 15:42   مەنبە: خەلق تورى

ئاپتونوم رايون ئۇيغۇر تىل سىستېمىسى بويىچە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ مۇزىكا، تەنتەربىيە، گۈزەل-سەنئەت، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتى، مەكتەپ ۋە يەرلىك دەرسلەردىن ئوقۇتۇش مۇھاكىمە يىغىنى تۇرپان شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلدى(8)

  ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋرى، فوتوسى: ئاپتونوم رايون ئۇيغۇر تىل سېستىمىسى بويىچە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ مۇزىكا، تەنتەربىيە، گۈزەل-سەنئەت، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتى، مەكتەپ ۋە يەرلىك دەرسلەردىن ئوقۇتۇش مۇھاكىمە يىغىنى 12-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 29-كۈنلىرى تۇرپان شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىملىق يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن مۇنىرە ئاتاۋۇللا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قەيسەر شابانباي، مائارىپ نازارىتىدىن پەرىدە، تۇرپان ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مۆمۈن ئابدۇرەھىم، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىلھام روزى قاتارلىق بىر قىسىم رەھبەرلەر قاتناشتى، شۇنداقلا بۇ قېتىملىق يىغىنغا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئوقۇتۇش تەتقىقات خادىملىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلاردىن بولۇپ، 1000دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

  يىغىندا ئالدى بىلەن تۇرپان ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مۆمۈن ئابدۇرەھىم مۇزىكا، تەنتەربىيە، گۈزەل-سەنئەت، ئۇنۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىىتى، مەكتەپ ۋە يەرلىك دەرسلەرنىڭ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم رولى توغرىسىدىكى بايانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قەيسەر شابانباي مائارىپىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، بىر قىسىم ساقلىنىۋاتقان مەسىللەر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەر توغرىسىدا بىر قىسىم تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئارقىدىن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە، شەھەرلىرىدىن كەلگەن مۇزىكا، تەنتەربىيە، گۈزەل-سەنئەت، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتى، مەكتەپ ۋە يەرلىك دەرسلەر بويىچە، دەرسلىك لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، باھالىغۇچىلارنىڭ ئادىل باھالاپ چىقىشى ئارقىسىدا، ئاپتونوم رايون بويىچە 150 نەپەر ئوقۇتقۇچى ئۈچ دەرىجە بويىچە باھالىنىپ مۇكاپاتلاندى. ھەمدە ئۇلارغا شەرەپ گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بەردى.

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

 ئاڭلىغانمۇسىز

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى لايىھەسى كېلەر يىلىن…
    ·فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «گۈللىنىش پىلانى» بويىچە ئاپتونوم رايوندىن ئون ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ 
    ·شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ بەش چوڭ پەن تەتقىقات مەركىزى قۇرىدۇ
    ·جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئىككى ئۇنىۋېرسىتېتى ‹‹بىرلەشمە تەجرىبىخانا قۇرۇش›› كېلىشىمى ئىمزالىدى 
    ·تىل تەربىيەسى بالىلارنىڭ ئەقلىنى ئېچىشقا پايدىلىق 
    ·گۇاڭدۇڭ بىلەن موسكۋا ئارىلىقىدا يۈك پويىزى قاتنىدى 
    ·ئامېرىكىدىكى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمى سانى236 مىڭغا يەتكەن
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ھەپتىلىكى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كىرىمى شەھەر-بازار ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كىرىمىدىن كۆپ بولىد…
    ·يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كىرىمى كەلگۈسىدە شەھەر بازار ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ