6-ئاينىڭ 3-كۈنى، شى جىنپىڭ كوستارىكادا قەھۋە دەرىخىنىڭ ئۆستۈرۈلۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.
جۇڭگونى بېيىتىش ئۈچۈن، چوقۇم دېھقانلارنى بېيىتىش كېرەك؛ ھاللىق تۇرمۇشقا يېتىش-يېتەلمەسلىكتىكى ئاچقۇچ دېھقانلارد؛ دېھقانچىلىقنى بىر ئابرۇيلۇق كەسىپ قىلىش كېرەك ... ...
12-ئاينىڭ 24-كۈنى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك كوللېكتىپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى قاتناشقان مەركەزنىڭ يېزا خىزمىتى يىغىنىدا، كىشىنى سۆيۈندۈرىدىغان ئۇچۇرلار بېرىلدى. پىلان بويىچە، جۇڭگو يېزىلىرىدا 5 يىلدا يەر ھوقۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش تاماملىنىدۇ. كەلگۈسىدە، دېھقانلار تېخىمۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدۇ ھەمدە تېخىمۇ كۆپ پايدىغا ئېرىشىدۇ.
يەنە شۇ 24-چېسلا، بىرقانچە چوڭ ئاخبارات تور بېكەتلىرى بىرلا ۋاقىتتا، 2013-يىلى 11-ئايلىق «مەدەنىيلىك» ژورنىلىنى تەۋسىيە قىلدى. بۇ سانلىق ژورنالدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك كوللېكتىپى توغرىسىدا 7 پارچە مەخسۇس ماقالە بېرىلگەن، بۇ ماقالىلەردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى: ئۇلار يا دېھان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، يا دېھقان بولۇپ باققان، ۋە ياكى دېھقانلار بىلەن قويۇق ئالاقە باغلىغان. ئۇلار سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكتىكى جىلغا-يارەنلەردە ئىشلەپ باققان، فېڭياڭ ناھىيەسى يېزىلىرىنىڭ ئېتىز-قىرلىرىدا ئىشلىگەن، شەرقىي دېڭىزنىڭ دولقۇنلىرىدا بېلىق تۇتۇپ باققان، شەرقىي شىمالنىڭ بىپايان زېمىنىدا زىرائەت تېرىپ باققان... ... ئاخىر ئۇلار جۇڭنەنخەيدە جەم بولغان.
مۇشۇنداق كەچۈرمىشلىرى بولغاچقا، ئۇلارنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار»غا قويۇق رىشتىسى باغلانغان. ئىلگىرى، ئۇلار ئېتىز-قىرلاردا دۆلەتنىڭ كېلەچىكى ئۈستىدە باش قاتۇرغان بولسا، ئەمدىلىكتە ئۇلار جۇڭنەنخەيدە ئولتۇرۇپ دېھقانلارنىڭ غېمىنى يېمەكتە. بۇ ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى بىر تاسادىپىيلىق ئەمەس.