شۇ كۈنى، ئېنشى تۇجيازۇ ــ مياۋزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ بادوڭ ناھىيەسىدە 5.1 بال يەر تەۋرىدى، يەر تەۋرەشتە ئۈچ ئادەم يارىلاندى، 8 مىڭ ئېغىزدەك ئۆي بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى.
جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىستانسىسى تورىنىڭ ئۆلچەپ بېكىتىشىچە: 16-دېكابىر سائەت 13:04 ئۆتكەندە خۇبېي ئۆلكىسى ئېنشى تۇجيازۇ ــ مياۋزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ بادۇڭ ناھىيەسىدە بەش مىڭ مېتىر چوڭقۇرلۇقتا 5.1 بال يەر تەۋرىگەن. خۇبېي ئۆلكىلىك يەر تەۋرەش ئىدارىسىنىڭ ئۆلچەپ بېكىتىشىچە، بادۇڭ ناھىيەسىنىڭ دوڭراڭكوۋ بازىرى يەر تەۋرەش مەركىزى بولغان.
مەنبە: خەلق تورى