بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى قەشقەر شەھىرى بىلەن «كۈنخۇا» مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى بىرلىكتە مەبلەغ چىقىرىپ سۈرەتكە ئالىدىغان بولۇپ، «ئۆتكۈر قىلىچ»، «ھەل قىلغۇچ جەڭ»، «غەربىي جەنۇبى جۇڭگونى ئازات قىلىش»، «شېشىياڭ خانىم» قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ۋە كىنولارنى ئىشلىگەن «1-ئاۋغۇست» كىنو ئىستۇدىيەسىنىڭ داڭلىق فىلىم ئىشلىگۈچىسى يۈەن نەيچى فىلىم ئىشلىگۈچىلىككە تەكلىپ قىلىندى. يېقىنقى بىر ئايدىن بۇيان، فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسى قەشقەر شەھىرىنىڭ يېزا-بازار، كەنت-مەھەللە، زاۋۇت-كان كارخانا، ئىدارە-ئورۇنلار، ساياھەت نۇقتىلىرى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورۇنلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە دېھقان ئاممىسىنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ، ھەر مىللەت مەدەنىيەت تەتقىقاتچىلىرى، سەنئەتكارلار، كادىرلار، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە دېھقان-چارۋىچىلار، دېھقان سەنئەتكارلار، كارخانىچىلار، تىجارەتچىلەر، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلىشىپ، ئۇلار بىلەن بىرگە تاماقتا بولۇپ، قەشقەردىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۇرمۇش ئۆرپ-ئادەتلىرى، مەدەنىيىتى، ناخشا-ئۇسسۇلى، قول ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئىتى، ئىلغار مەدەنىيەتكە ئىنتىلىش روھى قاتارلىق جەھەتلەردىن تۇرمۇش ئۆگىنىپ، كەڭ دائىرىلىك ماتېرىيال توپلاپ، تىلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ سىنارىيەسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېزىپ چىقىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.