سۈرەتتە: ناھىيەلىك «يېشىل مەرۋايىت» سەنئەت ئۆمىكىدىكى ئارتىسلار ئامما ئارىسىدا ئويۇن قويماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىمىنجان تۇرسۇن خەۋىرى: يوپۇرغا ناھىيەسى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان،«100 كۈنلۈك مەيدان مەدەنىيىتى پائالىيتى» ۋە «مەدەنىيەت-سەنئەتنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش پائالىيىتى»نى ئۈزلۈكسىز جانلاندۇرۇپ،12-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىغا قەدەر كۆڭۈل ئېچىش، تەربىيەلەش، يېتەكلەش خاراكتىرىگە ئىگە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بىلەن زامانىۋى مەدەنىيەت تۈسىنى ئالغان مەدەنىيەت- سەنئەت پائالىيتىدىن 150 مەيدان (قېتىم)دىن ئارتۇق ئۆتكۈزۈپ، ئاممىنى ئىشىك ئالدىدىلا مول مەزمۇنلۇق مەدەنىيەت- سەنئەت پائالىيتىدىن بەھرىمان قىلىپ، ئۇلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتتى. (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىمىنجان تۇرسۇن فوتوسى)
مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر