خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ خەۋەرچى كەپتەرنى باھالاش مۇسابىقىسى 14-دېكابىر قۇمۇل شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە بىڭتۇەنلەردىكى خەۋەرچى كەپتەرلەر جەمئىيەتلىرى تاللاپ ئەۋەتكەن 55 خەۋەرچى كەپتەر باھالاش مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇلدى. خەۋەرچى كەپتەرنى باھالاش مۇسابىقىسىدا ئاساسلىقى كەپتەرنىڭ كۆرۈنۈشى ۋە روھىي ھالىتى، باش-بويۇن قىسمى، سۆڭەك-مۇسكۇللىرى، پەيلىرى قاتارلىقلار باھالىنىدۇ.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى