باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

يېقىملىق بالىلارنىڭ فوتو سۈرەتلىرى: قوزام، نەگە بېرىپ سۈرەتكە تارتىمىز؟(7)

2013.12.12 16:16   مەنبە: خەلق تورى

يېقىملىق بالىلارنىڭ فوتو سۈرەتلىرى: قوزام، نەگە بېرىپ سۈرەتكە تارتىمىز؟(7)

  گرۇزىيەلىك ئايال فوتوگراف Daizy-Mبالىلار سۈرەتلىرىنى تارتىشقا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلگەن. ئۇ ماي بوياق رەسىملىرىدىكى كلاسسىك نەپىسلىكنى، تىنچ ۋە كىشىنى ئويلاندۇرىدىغان تۇيغۇنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇنىڭ قولىدىكى ئاپپارات رەسىم قەلىمىگە ئوخشاپ قالغان بولۇپ، ئاپپارات ئارقىلىق رىۋايەتلەردىكى ئۆسمۈرلەر دۇنياسىنى تەسۋىرلەپ، كونا رەسىم، پليونكىلىق كىنولارنىڭ تەسەۋۋۇرىنى ھېس قىلدۇرغان، ئۇ رەسىمگە تارتىش جەريانىدا بالىلار بىلەن ئۆز ئارا ئارىلىشىپ، بالىلارنىڭ ئويناۋاتقاندا تەبىئىي مۇھىت ئىچىدىكى ئەڭ ھەقىقىي ئەڭ ئوماق كۆرۈنۈشلىرىنى سۈرەتكە ئېلىۋالىدۇ، سۈرەتلەردىن بالىلارنىڭ كۆز نۇرى، قول ـ پۇت ھەرىكەتلىرىنىڭ شۇ قەدەر ئەركىن ئىكەنلىكى، تەبىئىي مۇھىت ئىچىدە ئاپپاراتقا بولغان بىر خىل ئەجەپلىنىشى چىقىپ تۇرىدۇ. Daizy-M نىڭ قىزىقىشى كەڭ دائىرىلىك بولۇپ، سەنئەتنى، فوتوگرافلىقنى، لايىھەلەش شۇنداقلا كارتونچىلىقنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇنىڭ بۇ قىزىقىشلىرى ئۇنىڭ فوتوگرافلىق ئۇسلۇبىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتىدا ناھايىتى زور رول ئوينىغان.

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز