«ئۆلۈمدىن قۇتۇلغان ئادەمگە ئامەت ياغىدۇ» دېگەندەك، دېلفىنا بۇ قېتىمقى ھايات- ماماتلىق سىناقتىن كېيىن ھاياتىدىكى ئەڭ ياخشى ھەمراھى ـــ بولغۇسى ئېرى رېكارىس ئاۋىلاغا ئېرىشتى. رېكارىس دېلفىنا كېسىلىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن دوختۇرخانىغا بېرىپ ئۇنى يوقلىدى، رېكارىس ئۇنى چىرايلىقكەنسىز دەپ ماختىغاندىن كېيىن، ئىككىسىنىڭ مۇھەببەت ھېكايىسىمۇ ئاستا- ئاستا باشلاندى. ھازىر ئىككىسىگە چاي ئىچكۈزۈلدى، دېلفىنا بولغۇسى ئېرىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە قوغدىشى ئاستىدا داۋاملىق ھالدا كېسەللىك بىلەن كۈرەش قىلىپ كەلدى.