باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

يوپۇرغا ناھىيەسىدە «تۆتنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش» پائالىيىتى جانلاندى(3)

2013.12.10 17:12   مەنبە: خەلق تورى

يوپۇرغا ناھىيەسىدە «تۆتنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش» پائالىيىتى جانلاندى(3)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ قىش پەسىللىك سەھىيەنى، قانۇننى، پەن-تېخنىكىنى ۋە مەدەنىيەتنى يېزلارغا يەتكۈزۈش پائالىيىتى ھەر قايسى يېزا-بازارلاردا قانات يايدۇرۇلۇپ، 12-ئاينىڭ 8-كۈنى يەكشەنبە بازار يېزىسىدا ئېلىپ بېرىلىپ، ئالتىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى. بۇ جەرياندا 30 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق تۈرلۈك مەزمۇندىكى تەشۋىقات ماتېرىيالى تارقىتىلغاندىن باشقا، 2000 ئادەم قېتىمنىڭ كېسىلىنى ھەقسىز كۆرۈش، دورا تارقىتىش، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى 3-ئومۇمى يىغىنىنىڭ روھىنى نادىر سەنئەت نومۇرلىرىغا سىڭدۈرۈپ ئورۇنلاش قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق، پۈتۈن ناھىيەدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىغا نەپ يەتكۈزدى. (يوپۇرغا ناھىيە يەكشەنبە بازار يېزىلىق مائارىپ ئىشخانىسىدىن ئېلى ئەخەت خەۋىرى)

  تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز