باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

«بىلىپ» ئۈمىد ئىللىقلىق يەتكۈزۈش كوللىكتىپى كۇچا تارماق ئەترىتى ھەرىكەتتە(7)

2013.12.10 15:47   مەنبە: خەلق تورى

«بىلىپ» ئۈمىد ئىللىقلىق يەتكۈزۈش كوللىكتىپى  كۇچا تارماق ئەترىتى  ھەرىكەتتە(7)

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان، ماينۇرگۈل ئەھەت خەۋىرى، فوتوسى : « بىلىپ» ئۈمىد ئىللىقلىق يەتكۈزۈش كوللىكتىپى كۇچا تارماق ئەترىتى كۇچا ناھىيەسىدىكى ساخاۋەتچى ياشلارنىڭ يېقىندىن قوللىشى ئارقىسىدا 12- ئاينىڭ 8- كۈنى ئۇزۇن بازىرىنىڭ تاغىچى كەنتىدە ئىللىقىلىق يەتكۈزۈش ھەرىكىتىنى باشلىۋەتتى.

  بۇ كوللېكتىپتىكى 15 كە يېىقىن ياش تاغىچى كەنتىگە بېرىپ، ئائىلىسىدە ئېغىر قىيىنچىلىقى بار يەتتە ئائىلىگە كىرىپ، ئۇلارنىڭ ھويلا ـ ئاراملىرىنى تازىلاپ بەرگەندىن باشقا، جەمئىي 3 مىڭ 750 يۈەن قىمىتىدە 2000 كىلوگرام كۆمۈر، 50 قۇر قىشلىق كىيىم ۋە بۇ ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئوقۇش قوراللىرىنى سوۋغا قىلدى ھەم بۇ ئەترەتتىكى تىببىي خادىملار بۇ ئائىلىلەردىكىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈپ، 550يۈەن قىممىتىدە قىش پەسىلىدىكى تارقىلىشچان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىلىرىنى تارقىتىپ بېرىپ، زىمىستان قىشتا نامراتلارنىڭ كۆڭلىنى ئىللىتتى.

  ئىگىلىنىشىچە، « بىلىپ» ئۈمىد ئىللىقلىق يەتكۈزۈش كوللىكتىپى كۇچا تارماق ئەترىتى بۇ يىل 6- ئايدا قۇرۇلغاندىن ھازىرغا قەدەر 5 مىڭ 500 يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ توپلاپ، بەش قېتىم ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، شىپاخانىلاردىكى ئېغىر كېسەللەردىن ھال سوراش، نامراتلارنىڭ مەزگىللىك تۇرمۇش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش قاتارلىق ساخاۋەتلىك ئىشلارنى قانات يايدۇرۇپ، ئەل قەلبىنى ئىللىتىپ، ھەممىنىڭ قىزغىن ئالقىشلىشىغا ئېرىشىپ كەلگەن. بۇ ئەترەتنىڭ بۇ قېتىمقى ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتى قىش پەسىلىدىكى تۇنجى باشلىنىش بۇلۇپ، يىل ئاخىرىغىچە ئالتە قېتىمدىن ئارتۇق ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، 100دىن ئارتۇق قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ قىشلىق تۇرمۇشىنى خاتىرجەم قىلىدىكەن.

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز