ئۇ 2009-يىلى جياڭشى گەنجياڭ ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن 2010-يىلى شاڭخەي يەرمەنكىسىگە قاتنىشىپ تۈركىيە سارىيىدا يېرىم يىل چۈشەندۈرگۈچى بولغان، كېيىن شىئەن دۇنيا باغۋەنچىلىك يەرمەنكىسىگە قاتنىشىپ، ئىران، رۇسىيە سارايلىرىدا چۈشەندۈرگۈچى بولغانىكەن. بۇلتۇر ئۇ خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، خاڭجوۋدىكى ھۈنەر ـ سەنئەت بۇيۇملىرى يەرمەنكىسىگە قاتنىشىپ، سۇدان ۋە ئىران سارىيىدا ساتقۇچى بوپتۇ، شۇنىڭ بىلەن مارىيە ئەلئارا قول ھۈنەر ـ سەنئەت بۇيۇملىرى شىركىتىنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۆزى قىزىقىدىغان مىللىي قول ـ ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى كەسىپىگە كىرىشىپتۇ.