باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

يەمەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھۇجۇمغا ئۇچراپ 25 ئادەم قازا قىلدى (2)

2013.12.06 16:19   مەنبە: خەلق تورى

يەمەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھۇجۇمغا ئۇچراپ 25 ئادەم قازا قىلدى (2)


  يەمەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەمەلدارىنىڭ تۈنۈگۈن (5-دېكابىر) ئېيتىشىچە ، پايتەخت يەمەننىڭ شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئاپتوموبىلبومبانىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ، 25 ئادەم قازا قىلغان ، 42 ئادەم يارىلانغان . قازا قىلغانلار ئىچىدە ئالتە دوختۇر بار بولۇپ ، بۇلارنىڭ ئىككىسى فىلىپپىندىن كەلگەن ئىكەن .

  مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارنىڭ ئېيتىشىچە ، بۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ، لىققىدە پارتلاتقۇچ دورا بېسىلغان بىر ئاپتوموبىل دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يېنىدا پارتلاپ ، قورۇ تامنى بۇزۇۋەتكەن ، ئارقىدىن پارتلاتقۇچ دورا بېسىلغان يەنە بىر ئاپتوموبىل بۇزۇلغان جايدىن مىنىستىرلىققا بېسىپ كىرمەكچى بولغاندا پارتلاپ كەتكەن . پارتلاشتىن كېيىن ، نۇرغۇن قوراللىق ئۇنسۇرلار مىنىستىرلىقنىڭ ئىشخانا رايونىغا بېسىپ كىرىپ ، خەۋپسىزلىك قىسمىنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن ئېتىشقان .

  نەق مەيداننى كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە ، پارتلاش ناھايىتى كۈچلۈك بولغانلىقتىن ، يېقىن ئەتراپتىكى نۇرغۇن ئاھالىلەر ئۆيلىرىنىڭ دېرىزىلىرى چېقىلىپ كەتكەن . ھەربىي تەرەپ تىك ئۇچار ئايروپىلان ۋە ياردەمچى قوشۇننى نەق مەيدانغا ئەۋەتكەن ، نۇرغۇن قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرى ۋە قۇتقۇزۇش خادىملىرىمۇ يېتىپ كېلىپ ، يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان .

  نۆۋەتتە، ھېچقانداق تەشكىلات بۇ ۋەقەنى ئۆزلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى جاكارلىمىغان.

【1】 【2】 【3】 【4】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز