خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-دېكابىر، شىنجاڭ پىچان ناھىيەسى دىغار يېزىسىدا ئىللىق قۇياش نۇرىنى چېچىپ تۇراتتى، يېزىلىق پارتكوم ھويلىسىدا «ئەڭ گۈزەل ئايال مۇسابىقىسى»، مودېللار كېيىم ـ كېچەك مۇسابىقىسى، مەززىلىك تائاملار مۇسابىقىسى، «كەشتىچى قىزلار» مۇسابىقىسى، ئۇزۇن ئۆرۈمە چاچلىقلار مۇسابىقىسى قاتارلىقلارغا يېزىدىكى يۈزدىن ئارتۇق قىز ـ ئايال ئۆزلىرىنىڭ ماھارەتلىرى بىلەن قاتناشتى.