باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ماندىلا 95 يېشىدا ۋاپات بولدى (1)

2013.12.06 15:20   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

ماندىلانىڭ ئەنگىلىيە لوندونغا بېرىپ نۇتۇق سۆزلىگەن ۋاقتىدىكى خاتىرە سۈرىتى
ماندىلانىڭ ئەنگىلىيە لوندونغا بېرىپ نۇتۇق سۆزلىگەن ۋاقتىدىكى خاتىرە سۈرىتى

  خەۋەر قىلىنىشىچە ، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ماندىلا 5-دېكابىر شۇ جاي ۋاقتى سائەت 20:50 دە كېسەل سەۋەبىدىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي 95 يېشىدا ۋاپات بولغان .

  جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇما مۇنداق دېدى : ماندېلا يرھاننىسبۇرگتىكى ئۆيىدە ۋاپات بولدى ، ئۇ ئىنتايىن خاتىرجەم كەتتى ، ئۇ ۋاپات بولغاندا ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ يېنىدا ئىدى ، ئۇ ھازىر خاتىرجەم بولدى ، دۆلىتىمىز بىر ئۇلۇغ ئوغلانىدىن ئايرىلدى .

  زۇما مۇنداق دېدى : ‹‹ دېموكراتىك دۆلىتىمىزنىڭ قۇرغۇچىسى ماندىلا بىزدىن ئايرىلدى ، گەرچە بىز بۇ كۈننىڭ كېلىدىغىنىنى بىلىدىغان بولساقمۇ ، بىز يەنىلا قاتتىق يوقىتىش ھېس قىلدۇق ›› .

  ئىگىلىنىشىچە ، جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ماندېلا ئۈچۈن دۆلەت دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ ، پۈتۈن دۆلەتتە بايراق يېرىم چۈشۈرۈلىدىكەن .

  زۇما مۇنداق دېگەن : ماندىلا ئەركىنلىك ئۈچۈن قەتئىي بوشاشماي كۈرەش قىلىپ ، پۈتۈن دۇنيانىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى ؛ ئۇنىڭ كىچىك پېئىللىقى ، مېھرىبانلىقى ، ئىنسانپەرۋەر روھى كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتى . ماندىلانىڭ ئۇلۇغلىقى دەل ئۇنىڭ ئىنسانىيەتكە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىدە .

  زۇما جەنۇبىي ئافرىقا خەلقىنى ماندىلانىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ، ئېكىسپىلاتاتسىيە ۋە ئېزىش بولمىغان ، ئېرقىي ۋە جىنسىي كەمسىتىش بولمىغان ، كۈندىن كۈنىگە دېموكراتىيەلەشكەن ۋە گۈللەنگەن ئادىل جەمئىيەت قۇرۇشقا دەۋەت قىلغان .

  ماندىلانىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن ، زور بىر تۈركۈم ئامما ماندىلانىڭ تۇرالغۇسىغا بېرىپ ، قايغۇلۇق ھېسسىياتىنى ئىپادىلىگەن . 35 ياشلىق نوكما ئىنتايىن مەيۈس ھالدا مۇنداق دېگەن : ‹‹ ماندىلا قالدۇرغان مەنىۋى بايلىقتىن بىز جەنۇبىي ئافرىقىلىقلارلا ئەمەس ، پۈتۈن دۇنيا خەلقى مەنپەئەتلىنەلەيدۇ ، ماندىلا كەتمىدى ، ئۇ بىزنىڭ قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات ›› .

  بۇ يىل 8-ئىيۇن ، ماندىلانىڭ ئۆپكە كېسىلى قوزغىلىش سەۋەبىدىن پرېتورىيەدىكى مەلۇم دوختۇرخانىدا ئۈچ ئاي داۋالىنىپ ، 9-ئايدا دوختۇرخانىدىن يرھاننىسبۇرگدىكى ئۆيىگە قايتىپ ، داۋاملىق داۋالاشنى قوبۇل قىلغان . ماندىلا ئىلگىرى ئىرقىي ئايرىمىچىلىق تۈزۈمىگە قارشى تۇرغانلىقتىن ، 27 يىل تۈرمىدە ياتقان ، تۈرمىدىكى ۋاقىتتا ئۆپكە تۇبيېركۇليوزى بىلەن يۇقۇملانغان . ئۇ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ، ئېرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىش يولىدا داۋاملىق كۈرەش قىلغان . 1993-يىلى ، ئۇ نوبېل تىنىچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن . 1994-يىلى ، ماندىلا جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ تۇنجى قارا تەنلىك زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلانغان .

【1】 【2】 【3】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز