خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئاچارچىلىق ئويۇنى» فىلىمىدىكى ئاجايىپ ئېسىل كۆرۈنۈشلەر نۇرغۇنلىغان ئەگەشكۈچىلەرنى ئۆزىگە رام قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە پىتانىڭ تانىسقا بولغان يىلىنجاپ تۇرغان سۆيگۈسى كىشىنى تېخىمۇ تەسىرلەندۈرىدۇ. ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 1-دېكابىردىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئامېرىكىدا بىر فوتوگراف ئۆمىكى ئۆزگىچىلىك يارىتىپ، ئاچارچىلىق ئويۇنى 2 «ئۇچقۇندىن يانغىن چىقىدۇ»نى ئاساسىي تېما قىلغان بىر قاتار توي خاتىرە سۈرەتلىرىنى چىقىرىپ، ئادەتتىكى توي سۈرەتلىرىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ئۈنۈمگە ئېرىشكەن.