جۇشقۇن جۈمە
«شىنجاڭ خەۋەرلىرى» پروگراممىسىنىڭ دىكتورى، «شىنجاڭ تەنتەربىيىسى» پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى . 1976 – يىلى 7 – ئاينىڭ 18 – كۈنى ئاقسۇ شەھىرىدە تۇغۇلغان ، 1998 – يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستىتىنىڭ جۇڭگو ئەدەبىياتى فاكۇلتىتىنى پۈتتۈرۈپ شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىغا قوبۇل قىلىنىپ ئاۋاز ئارتىسى بولغان . بۇ مەزگىلدە « پولات قانداق تاۋلاندى» ، «خاربىندىكى ھىكايە»، «يولداش ليۇ شياۋچى»،«ئاجراشقان ئەرلەر» قاتارلىق كىنو ، تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرىغا ئاۋاز بىرىپ كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشكەن ، 2000 – يىلى 10 – ئايدىن باشلاپ دىكتورلۇق بىلەن شۇغۇللانغان ، ئۇ ئوقۇغان «شىنجاڭ خەۋەرلىرى» پروگراممىسى مەملىكەتلىك رادىئو ، تېلىۋىزىيە ئەسەرلىرىنى باھالاش پائالىيىتىدە 2 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكەن ، 2006 – يىلى گېرمانىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن 18– نۆۋەتلىك «دۇنيا لوڭقىسى پوتبول مۇسابىقىسى»نى تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر تىلىدا نەق مەيداندىن بىۋاستە كۆرسىتىشكە قاتنىشىپ كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشكەن