ماخمۇت مەخسۇت
شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرجىمە- تەھرىر مەركىزى تەرجىمە قىلىپ كۆرسىتىدىغان مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر»، «جاھاندىكى ئىشلار» قاتارلىق پروگراممىلارنىڭ دىكتورى ، «ئادەم ۋە تەبىئەت» پروگراممىسىنىڭ دىكتور رىياسەتچىسى. ئۇنۋانى: مۇدىر دىكتور.
تۇغۇلغان ۋاقتى: 1965-يىلى 2-ئاينىڭ 12- كۈنى ئوقۇش تارىخى: ئالىي تېخنىكوم قىزىقىشى: كىتاپ ئوقۇش ،دوستلار بىلەن بىرگە بولۇش.
خىزمەت تارىخى: 1989-يىلدىن باشلاپ شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا دىكتورلۇق خىزمىتىنى ئۆتەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئاساسىلىق ۋەزىپىسى «مەمىلىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر» ،« جاھاندىكى ئىشلار» ،« قىزىق نۇقتا ھەققىدە سۆھبەت »، « ئادەم ۋە تەبىئەت »،« بېيىش يولى » قاتارلىق پروگراممىلارغا دىكتورلۇق قىلىش، ھەر يىلى قۇربان ھېيىت، روزا ھېيىتلىق سەنئەت كېچىلىكلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلىش. 2005-يىلى 11- ئايدا ئاۋمىندا ئۆتكۈزۈلگەن 2-نۆۋەتلىك شىنجاڭ تېلېۋىزىيە بايرىمىدا ئىستانسىمىز ئىشلىگەن 675 مىنۇتلۇق ئالاھىدە پروگراممىغا ئاۋمىن تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىنىڭ رىياسەتچىسى جوۋ جياۋىن بىلەن بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلىپ ،ئاۋمىندىكى تېلېۋىزور كۆرگۈچىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى ، بۇ فىلىم ئاۋمىندا 15كۈن قويۇلدى. 1990- يىلدىن بېرى دىكتورلۇق ئەسەرلىرى مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئەسەر باھالاشلاردا بىرىنچى، ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. ھازىر ئاپتونوم رايونلۇق دىكتور رىياسەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرجىمە- تەھرىر مەركىزى ئۇيغۇر تەرجىمە- تەھرىر بۆلىمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى .