نەشپەت ئۆمەر
شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى تەرجىمە- تەھرىر مەركىزى تەرجىمە قىلىپ كۆرسىتىدىغان مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىنىڭ «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر»، «جاھاندىكى ئىشلار»، «قىزىق نۇقتا ھەققىدە سۆھبەت» قاتارلىق پروگراممىلارنىڭ دىكتورى ، «بېيىش يولى» پروگراممىسىنىڭ دىكتور رىياسەتچىسى.
1968- يىلى 6- ئاينىڭ 11-ﻛﯜﻧﻰ ﻗﺎﺭﺍﻗﺎﺵ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪﺳﯩﺪﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ .-يىلى 7- ئايدىن 1992-يىلغىچە خوتەن تېلېۋىزىيە ئىستانىسىدا دىكتور- رىياسەتچى بولغان . 1992- يىلى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىىسغا يۆتكۈلۈپ كەلگەن . ئۇ دىكتورلۇق قىلغان پروگراممىلار بولۇپمۇ ئۇ رىياسەتچىلىك قىلغان« مۇنبەت تۇپراق» پروگراممىسى دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. 2003 – يىلى 10 مۇنەۋۋەر دىكتور-رىياسەتچىنىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى.
ئۇ ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا رادىئو- تېلېۋىزىيە ئۇنىۋىرسىتىتى، مائارىپ ئىنستىتۇتى... قاتارلىق مەكتەپلەردە «دىكتورلۇق ئۇسلۇبى»، «رىياسەتچى پروگراممىسى ۋە پروگرامما رىياسەتچىسى» دەرسلىكلىرىنى ئۆتۈپ كەلگۈسى بىر ئەۋلات ئۇيغۇر دىكتور –رىياسەتچىلىرىنى تەربىيلەشكە ئالاھىدە تۆھپە قوشتى. ئۇ ھېلىھەم يۇقارقى مەكتەپلەرنىڭ تەكلىپلىك لىكتورى. ئۇ «مەن دېھقاننىڭ قىزى ،دېھقان- چارۋىچىلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مېنىڭ زور بەختىم» دىگەن ئېتىقادى بىلەن ھازىر «بېيىش يولى» پروگراممىسىغا رىياسەتچىلىك قىلىۋاتىدۇ.