خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى خەۋىرى: دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە تەشكىللىگەن جۇڭگو غەربىي رايون قار–مۇز بايرىمى ۋە 8–نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرى سودا يەرمەنكىسى 29 – نويابىر شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى. 18 مىڭ كۋادىرات مېتر كۆلەمدىكى 900 يايمىدا بېيجىڭ، چوڭچىڭ قاتارلىق ئۆلكە، شەھەر ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ساياھەت مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمە قىلىندى، سودا كېلىشىمى تۈزۈلدى.(شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى فوتوسى)