باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

پەسىللىك ئۇنىۋېرسال ژورنال «دولان»، «ئاۋات مەنزىرىسى» قىزغىن ئالقىشلاندى(2)

2013.11.28 20:08   مەنبە: خەلق تورى

پەسىللىك ئۇنىۋېرسال ژورنال «دولان»، «ئاۋات مەنزىرىسى» قىزغىن ئالقىشلاندى(2)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ئىختىيارى مۇخبىرىمىز گۈلنار تاشتۆمۈر خەۋەر قىلىدۇ: قەدىمىي مەدەنىيەتنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىغا ئاۋاتنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندۈرۈش، تونۇتۇش، ئاۋاتنى دۇنياغا تېخىمۇ كەڭ يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن ئاۋات ناھىيەسى تەسىس قىلغان پەسىللىك ئۇنىۋېرسال ژۇرنال «دولان»(ئۇيغۇرچە نۇسخىسى) ۋە «ئاۋات مەنزىرىسى»(خەنزۇچە نۇسخىسى)، 2012-يىلىدىن باشلاپ نەشىر قىلىنغاندىن بۇيان كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ۋە ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  پەسىللىك ئۇنىۋېرسال ژۇرنال «دولان»(ئۇيغۇرچە نۇسخىسى) ـــ «دولانشۇناسلىق»، «ماياك»،« توغراقزار ناۋاسى»، «ياشلىق جىلۋىسى»،«دېھقانلار ئاۋازى» قاتارلىق ئون بىر بۆلەكتىن تەركىب تاپقان. «ئاۋات مەنزىرىسى» (خەنزۇچە نۇسخىسى) ــ « پارتىيە ئاۋازى»،« جەلىپكار دولان» قاتارلىق سەككىز بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان. ھازىرغىچە بۇ ئىككى يۈرۈش ژۇرنالدىن جەمئىي 12 سان چىقىرىلغان بولۇپ، ماتېرىيال مەنبەسى پۈتۈن ناھىيەدىكى ھەر قايسى تارماقلارغا چېتىلىدۇ، ماقالىلەر پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئاۋاتقا مۇناسىۋەتلىك ئەدەبىيات- سەنئەت ئەسەرلىرىنى، ئىقتىساد، ئاخبارات ئەسەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (ئاۋات ناھىيلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن ئىختىيارى مۇخبىرىمىز گۈلنار تاشتۆمۈر خەۋەر قىلىدۇ)

  ماقالە ئورگىنالى كۆرۈپ دەلىلەندى.

  مەنبە: خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

【1】 【2】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

 ئاڭلىغانمۇسىز

  •  تەۋسىيە

    ·گۇاڭدۇڭ بىلەن موسكۋا ئارىلىقىدا يۈك پويىزى قاتنىدى 
    ·ئامېرىكىدىكى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمى سانى236 مىڭغا يەتكەن
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ھەپتىلىكى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كىرىمى شەھەر-بازار ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كىرىمىدىن كۆپ بولىد…
    ·يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كىرىمى كەلگۈسىدە شەھەر بازار ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ 
    ·ئەنئەنىۋىي بالىلار ئويۇنى 
    ·مائارىپ ئىسلاھاتى تېخىمۇ ئادىل نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە
    ·21 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسى…
    ·ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭىنىڭ قىزىنىڭ يېرىم يالىڭاچ سۈرىتى ئاشكارىلاندى(1)
    ·مائارىپ نازارىتىنىڭ تور بېكىتى مەملىكەت بويىچە ‹‹ئون ياخشى›› تور بېكىتى دېگەن نامغا ئېرىشتى