27-نويابىر، شىنجاڭ قەشقەردىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە قۇربان بولغان ئالاھىدە ساقچى يەن شياۋفېينىڭ جەسەت كۈلى چېڭدۇ شەھىرى ۋېنجياڭ رايونىغا ئېلىپ بېرىلدى ھەمدە قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا قويۇلدى. 2013-يىل 8-ئاينىڭ 20-كۈنى، شىنجاڭ قەشقەردە زوراۋان-تېررورچىلار شايكىسى دېلوسى يۈر بېرىپ، چېڭدۇ ۋېنجياڭلىق 32 ياشلىق ئالاھىدە ساقچى يەن شياۋفېي شۇ دېلونى بىر تەرەپ قىلىشقا قاتنىشىپ بەختكە قارشى باتۇرلارچە قۇربان بولدى. سۈرەتتە چېڭدۇ ۋېنجياڭ ئاممىسى يۇرتىغا قايتقان قەھرىماننى كۈتۈۋالماقتا. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتتى، ليۇ جۇڭجۈن فوتوسى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)